ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.03.08
Yale-Universitida-Uyghur-Mesilisi.jpg يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەت ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى» ناملىق يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-مارت. نىيۇۋخەۋىن، ئامېرىكا.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 5-ۋە 6-مارت كۈنلىرى ئامېرىكادىكى ئىككى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكانىڭ كونناكتىكىت شتاتىنىڭ نىيۇۋخەۋىن شەھىرىگە جايلاشقان يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەت ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى» ناملىق يىغىندۇر. 

5-مارت كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس ۋە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ نادىر خەۋەر-ماقالىلارغا ئىمزا قويغان ژۇرنالىست بەتىنىي ئەللىن ئىبراھىمى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلغان. 

ئۇلار يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بولۇپ، زال ئىچى لىق تولۇپ كەتكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى يېل قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئوخشاش نوپۇزلۇق بىر بىلىم يۇرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى 1824-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قانۇن ئىنستىتۇتى بولۇپلا قالماي دۇنيا مىقياسىدىمۇ نوپۇزلۇق قانۇن ئىنستىتۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپتە ئامېرىكادىكى نۇرغۇن داڭدار سىياسىيونلار ۋە قانۇنشۇناسلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن گېرالد فورد، بىل كىلىنتون، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون قاتارلىقلار بۇلارنىڭ پەقەتلا بىر قانچە مىسالى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان تونۇشى بىر قەدەر چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلار ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىكەن. 

«يېل ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋەرلىرى» 26-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا يۇقىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قانۇن ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى 3 خىل گۇرۇپپىنى تەشكىللەش ئارقىلىق مەكتەپ ئىچىدە ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن مەيدانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن قىزىققان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان ۋە بەزىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇنداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى پائالىيەتچىلەر ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ياشلار ھەممىسى دېگۈدەك بېرىپ قاتنىشىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا كەڭ قوللاشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن. 

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «بۇنى ئەڭ ئاكتىپ كۈچ بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تونۇشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر» دېدى. 

6-مارت كۈنى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئامېرىكادىكى يەنە بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت بولغان تافتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «فىلەتچىر قانۇن ۋە دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى» دا دوكلات بەرگەن. 

ماساچۇتېس شتاتىغا جايلاشقان مەزكۇر ئىنستىتۇت 1933-يىلى ئامېرىكىدا مەخسۇس خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىنستىتۇت بولۇپ، ئۇ تاشقى سىياسەت، دىپلوماتىيە ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىمۇ قىزغىنلىق ئوخشاش يۇقىرى بولغان. زال ئىچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى-بېركلىي ۋە يېل قاتارلىق نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مەكتەپلەر ئىكەنلىكى ۋە بۇ مەكتەپلەردە كەلگۈسىنىڭ مۇھىم سىياسىيونلىرى، لىدېرلىرى يېتىشىپ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.