43 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.05
43-parlament-ezasi-uyughur-uchun-atlandi.jpg 43 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.
senate.gov

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئىنساننى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى قامال ئاستىغا ئېلىشىغا نىسبەتەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىد ۋە ئەندىشىلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى غوللۇق ئەزالاردىن ماركو رۇبىيو، تىم كەين، مىت رومنىي، بوب مەنەندېز قاتارلىق 24 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 19 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇبىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان لاگېر تۈزۈمىگە قارشى كۈچلۈك ۋە قەتئىي ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار مەكتۇبىدا گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، سۆز بىلەن تەنقىدلەپ قويۇشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان چېن چۈەنگو باشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنىڭ تېخىچە ئىشقا ئاشمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ قانۇننى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مەكتۇبىدا يەنە مالىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقلىرىدىن ھەرقانداق بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش، ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ ماسلىشىپ بېرىۋاتقان Dahua ،Hikvision قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ مەكتۇپنىڭ تولىمۇ ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ناھايىتى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ پەقەت سۆزدىلا بولۇپ قېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمايۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئەزالار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ مەكتۇپنى ھۆكۈمەتكە ياخشى بىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايمەن» 

دەرۋەقە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن جەمئىي 43 نەپەر مەجلىس ئەزاسى يۇقىرىقى مىنىستىرلارغا ناھايىتى كونكرېت سوئاللارنى قويۇپ ئۇلاردىن جاۋاب تەلەپ قىلغان. بۇ سوئاللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 

· ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ستون 2018-يىلى 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بېسىم سىياسىتىگە قارشى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇنداقتا، بۇ ئىستراتېگىيە ھازىر قايسى باسقۇچقا كەلدى؟ ئۇ قاچان دۆلەت مەجلىسىگە يېتىپ كېلىدۇ؟ بىزگە بۇ ھەقتە قاچان مەلۇمات بېرىلىدۇ؟ 

· ھەرقانداق بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ۋە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باقتىمۇ؟ ئامېرىكا پۇقراسى ۋە قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارەت تەلەپلىرىڭلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىڭلارنى رەت قىلغانلىقىغا دائىر تىزىملىكلەرنى بىزگە كۆرسىتىڭلار. 

· ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ۋە ئامېرىكانىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى؟ 

· ئامېرىكا شېركەتلىرى شىنجاڭدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان خىتاي شېركەتلىرىگە تېخنىكا سېتىپ بېرىۋاتامدۇ ياكى ئۇلار بىلەن ھازىر رايوندىكى تەقىب ۋە نازارەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان يۇقىرى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە «ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش سۇپىسى» قاتارلىق تېخنىكىلاردا ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟ 

· خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادا ئىشلەنگەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئالدىڭلار؟ 

· بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا شېرىك دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن قانداق دىپلوماتىك ئالاقىلەرنى قىلدى؟ 

· بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەر ئېلىندى؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى دىئالوگ ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرىگە باشلامچىلىق قىلىش پىلانى بارمۇ؟ 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە «شۇنچە كۆپ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى يەنە بىر ھېسابتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ كۆزىنى بوياش ۋە بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ،» دېدى. 

4-ئاپرېل كۈنى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇرغا مەسئۇل خادىمى مايكىل كەيۋىي رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ يۇقىرىقى مەكتۇپ ھەققىدىكى سوئالىغا يازما ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي كادىرلارنى يەرلەشتۈرۈش، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىپادە قىلىشىنى چەكلەش، چەتئەللەردىكىلەرنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە ئوخشاش خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بېسىم سىياسىتىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا» بولغۇسى جازا تەدبىرلىرى ۋە باشقا قانۇنلارنى ئىشقا سېلىش ھەققىدە ئېنىق بىر كۈننى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ‹ماگنېتسكىي قانۇنى› قاتارلىقلارنى ئىشقا سېلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقى «نى ئىپادە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.