ئولىۋىيا ئېنوس: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى كرىزىس نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتتى؟»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس فوندى» ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىم.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس فوندى» ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىم.
c-span.org

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس فوندى» ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس 18-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر دىيارىدىكى كرىزىس نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلغان.

ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ ئاللىقاچان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر تەھدىتنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تەھدىتنى پەيدا قىلغان ئامىلنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوللىنىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى بىر قانچە نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلغان. 

ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا سەپلىگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارغىلا قوللىنىپ قالماي، بەلكى يەنە ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگىمۇ ئېكسپورت قىلغان. جەنۇبىي ئامېرىكادىكى دىكتاتور دۆلەتلەر بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆز خەلقىنى نازارەت قىلغان. ئۇلار يەنە بۇ تەقىب سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىققان خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشىگە ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە يول ئېچىپ بەرگەن. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ئۈچۈن يەر شارى مىقياسىدا ئىستىخبارات توپلىغان.

ئولىۋىيا ئېنوس ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ‹كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدىن ھالقىپ كەتكەن› دەپ قارايمەن، چۈنكى بىز ‹كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا بۇ پەقەت ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت-قاراش مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقانلىرى نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بىر ئەھۋالدۇر.» 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئولىۋىيا ئېنۇسنىڭ بۇ ماقالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن مىللىي قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئولىۋىيا ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە «قايتا تەربىيىلەش» ئۇرۇنۇشلىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە بېكىتىشتەك سىياسىي رەزىللىكلەر بىلەن پاراللېللىق ھاسىل قىلىدىكەن. بۇ يەردىكى بىردىن-بىر پەرق خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە يېڭىدىن پەيدە بولۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنى باستۇرماقتىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، تارىخ قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بىز ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› نىڭ ئىپادىلىرىنى ھازىرقىدەك زامانىۋى دەۋردە كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹قايتا تەربىيە› ئۇقۇمى يېقىنقى مەزگىلدىلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بۇ تارىختىن كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ‹دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى› نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتنى ‹دىنىي ئاشقۇن› لۇقنىڭ ئىپادىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى، نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ‹خىتايچىلاشتۇرۇش› نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى توغرىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.»

ئولىۋىيا ئېنوس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ۋە قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇلار بولسا خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق «ساقچى دۆلىتى» نىڭ باش «پىلانلىغۇچىسى» بولغان چېن چۈەنگونى «يەر شارى ماگنېتسكى قانۇنى» بويىچە جازالاش تەكلىپى سۇنۇش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تېخنىكا ھەمكارلىق سودىسىنى توختىتىش ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. 

ئولىۋىيا ئېنوس بۇ تەدبىرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغاچ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن خىتايغا ئېنىق بىر سىگنال بېرىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دېموكراتىيە تەرەپتە تۇرۇشتىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان توغرا بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق ئەسكەرتكەن. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت