ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ئالمۇتا كونسۇلخانىسىدا بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، 8-9-ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ سارىيىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ سۆھبەتكە د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى، ۋە ئالمۇتىدىكى ۋەكىلى ئەركىن ئەخمەت ئەپەندى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكانىڭ ئالمۇتا كونسۇلخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-ئىيۇن.
ئامېرىكانىڭ ئالمۇتا كونسۇلخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-ئىيۇن. (RFA/Erkin Tarim)

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى شۇنداقلا ئانا تىلدىكى مائارىپنى قانداق قوغداپ قېلىشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى بېسىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ، بىزگە ئالدى بىلەن بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قازاقىستان زىيارىتىمىز جەريانىدا 8-ئىيۇن كۈنى قازاقىستاندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەت يىغىنىمىزدا بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭدا بىرىنچىسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قانداق قىلىپ كۈچلەندۈرەلەيمىز؟ بۇ مەكتەپلەردە ئىنگلىزچە، رۇسچە دەرسلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈشىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. قىسقىسى ئۇيغۇر تىلىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالالايمىز. بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىككىنچىسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەتۈر تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى قانداق قىلىپ، غەرب ئەللىرىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنى ئۇيغۇر، رۇس ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتالايمىز؟ بۇ توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسىتىش مۇراسىمىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئالمۇتا.
«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسىتىش مۇراسىمىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئالمۇتا. (RFA/Erkin Tarim)

بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسىتىش مۇراسىمىدا «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئالمۇتا.
«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسىتىش مۇراسىمىدا «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئالمۇتا. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھەر خىل تىللاردا ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 9-ئىيۇن كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسىتىلگەن. روشەن ئابباس خانىم قازاقىستاندىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمپىكىر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.