ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى: ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.07.19
Keith-Krach-pompeo.jpg (سولدىن) ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىليام خاگېرتى ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى كەيت كراچ ۋە ئالىي مەسلىھەتچى مايكېل مەككىنلېي ئەپەندىلەر گ-20 يىغىنىدا. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ياپونىيە.
AP

ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان ئامېرىكا شىرىكەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكەن چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كېيس كراچ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن مىنىستىرى كەن كۇجىنېلى بىرلىكتە «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ چەتئەللەردە سودا كېلىشىمى تۈزۈشتىن ئىلگىرى بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكى، ياكى بۇ كېلىشىملەرنىڭ شۇ ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇم ئىسكەنجىسىنى چىڭىتىشىغا ھەسسە قوشىدىغان ياكى قوشمايدىغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇلار ئوبزورىدا مۇنداق يازدى: «بۇنداق تەكشۈرۈش مۇستەبىتلەرچە تەقىب قىلىش قىلمىشلىرى بىلەش شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا ئازسانلىق مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قورقۇنچلۇق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا قىلغاندا تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇلار ئوبزورىدا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەت، دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ۋە تېخنولوگىيە سىستېمىلىرىنى ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بارغانچە روشەن تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ماھىيىتىنىڭ، كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتكەن. 

ئۇلار مۇنداق يازغان «شۇڭا ھازىر، ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلغاندا ئۇلار سالغان مەبلەغنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ھەسسە قوشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك ھالدا جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك.»

ئۇلار ئوبزورىدا، ئامېرىكا ئۆز شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق قېيىن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك سودا تەۋسىيەنامىسى ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 

ئۇلار مۇنداق يازىدۇ: «مەزكۇر تەۋسىيەنامىدىكى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن شىركەتلىرىمىز خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەسسە قوشۇپ قالمىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنچ قىلالايدۇ.»

ئۇلار ماقالىسىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىدىغان تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ قېلىش خەتىرى، ئۇيغۇر ئېلى مەنبەلىك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا تايىنىپ قېلىش خەتىرى، خىتايغا سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق دۆلەت ئاپپاراتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ قويۇش خەتىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچ خەتەرلىك نۇقتىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 

ئۇلار ئاخىرىدا يۇقارقى سەۋەبلەرنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن شىركەتلەرنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىپ مۇنداق يازىدۇ: «مەن كىم بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن؟ ئۇلار كىم بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ؟ شىنجاڭدا ياكى خىتاي مىقياسىدا سودا قىلىشتىكى ھەقىقىي خەتەر ھېساباتنى نېمە؟ دېگەنلەرنى ئۆزۈڭلاردىن سورىشىڭلار كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.