ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.10.11
NBA-Adam-Silver.jpg NBA نىڭ مەسئۇلى ئادام سىلۋېر مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش نۇتقىنى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر، توكيو.
AP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 8 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى 9‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى‏ - NBA نىڭ مەسئۇلى ئادام سىلۋېرغا مەكتۇپ يېزىپ، NBA خادىملىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلماسلىقنى، جەمئىيەت خادىملىرىنىڭ تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارا پىكىر قىلىشىغا يول قويۇشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىنى تاقاشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپنى تام مالىنوۋىسكىي، مايك گاللىگېر، ئالىكساندرا ئوكازىئو كورتەس، جىم بانكس قاتارلىق 4 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە تام كاتتون، تەد كرۇز، رون ۋايدېن، بېن سوسسې قاتارلىق 4 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى يازغان. نۆۋەتتە، بۇ ۋەقە ئامېرىكادا قاتتىق مۇنازىرە قوزغاپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى - NBA خىتايغا باش ئېگىش، ئۇنىڭ ئامېرىكادا پىكىر ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ مۇنازىرىگە خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ دىرېكتور دارېل مورېينىڭ تۋىتتېردا سۆز قالدۇرۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللىشى سەۋەب بولغان. خىتاي تەرەپ دارېن مورېينىڭ تۋىتتېردىكى سۆزلىرىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى بىلەن بولغان بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى توڭلاتقان. ئارقىدىنلا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى بىلەن خيۇستون راكېتا كوماندىسى دارېل مورېينىڭ سۆزىگە قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 

ھالبۇكى، ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 8 نەپەر ئەزاسى مەكتۇبىدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى بىلەن خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كوماندىنىڭ دىرېكتورى دارېل مورېينىڭ تۋىتتېردىكى ئىنكاسى سەۋەبلىك كەچۈرۈم سورىشى ئۆزلىرىدە چوڭقۇر ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ئىچىدە ئامېرىكالىقلارنىڭ سۆز قىلىشىنى بېسىشقا ئۇرۇنۇشى قورقۇنچلۇق. شۇنداقلا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىز پۈكۈپ، ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق» دېيىلگەن. 

بۇ ۋەقە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭ رايوندىكى ج خ ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئورگاننى قارار تىزىملىككە ئالغانلىقى، شۇنداقلا رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى جاكارلىغان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، NBA نىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى سوراق قىلىش مەنتىقىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىكەن. ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناسلىق شون روبېرتس 11‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ خىتايدىكى مەزكۇر ئالاھىدە رايون بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، بۇنىڭ شۇنداق بولۇشىدا كۆپ خىل سەۋەب بار. مانا بۇ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئۈندىشىنىڭ سەۋەبى. شۇ سوئالنى سوراش تامامەن مۇۋاپىق كېلىدۇ، رايوندىكى تەنتەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىقتىسادى پائالىيەتنى يېقىندىن تەقىب ئاستىغا ئېلىش زۆرۈر مەسىلە.» 

NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋاسكېتبول مەشىق مەركىزى 2016‏-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى بۇ لاگېرلارغا قامىغان بىر مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە مەشىق مەركىزى قۇرۇشى، ئەينى چاغدا تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئەينى چاغدا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىدە 120 قىز ۋە 120 نەپەر ئوغۇل ياش ئۆسمۈر ۋاسكېتبول ھەۋەسكارىنىڭ تەربىيىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئادام سىلۋېر 2016‏-يىلى ئۆكتەبىردە مەشىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەندە بەزى مۇخبىرلار مەشىق مەركىزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغانلىقىنى سورىغان. 

ئادام سىلۋېر بۇ سوئالغا: «بىزنىڭ بۇ يېڭى ھەمكارلىق تۈرىمىزدە بۇ شەھەرلەرنى قانداق تاللىدۇق، دىبەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ بىزنىڭ بۇ 3 شەھەردىكى تەنتەربىيە ئورگانلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىقىمىزغا تاقىلىدۇ. بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىز بەك ياخشى بولۇپ كەلدى. بۇ ھەمكارلىقىمىز خىتاي ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت سىستېمىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى. مانا بىزنىڭ بۇ ھەمكارلىق تۈرىمىزدە بۇ شەھەرلەرنى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادام سىلۋېر 8‏-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى سۆزىگە تۈزىتىش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ NBA غا بولغان تەنقىدلەرگە خاتىمە بېرىلمىگەن. 

ئادام سىلۋېر 8‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ مۇددىئايىمىزنى تەنقىد قىلىۋاتقانلارغا مەلۇم بولسۇنكى، بۇ پەقەت بىزنىڭ تىجارەتنىلا كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىمىز ئەمەس. تەڭ باراۋەرلىك، پىكرى ئەركىنلىكى بىز ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تەرىپلەپ كېلىۋاتقان ۋە داۋاملىق تەرىپلەيدىغان قىممەت قارىشىدۇر. بىز دۇنيادا ئامېرىكا ۋاسكېتبول لوڭقىسىنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان بىر ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئەڭ زور تۆھپىلىرىمىزنىڭ بىرى مۇسابىقىلىرىمىزدىكى قىممەت قارىشىدۇر». 

ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا دارېن مورېينىڭ سۆزىنىڭ ئىقتىسادى بەدىلى بارلىقى، ئۇنىڭ سۆزى مىليونلىغان خىتاي ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز دارېل مورېينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمىز. بىراق مەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ خىتايدىكى نۇرغۇن دوستلىرىمىزنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن. بۇ بىزنىڭ مىليونلىغان مەستانىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، بىز ۋاسكېتبول ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. لېكىن، پايدىسىز سۆز ھەرىكەتلەر بەدەن مەشىقى، روھىي ساغلاملىققا مەركەزلىشىۋاتقان كىشىلەرگە كاشىلا چىقىرىپ، ئۇلاردا ئىناقسىزلىق يارىتىدۇ. مانا بۇ مېنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا». 

لېكىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شون روبېرتس، دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ جامائەت پىكرىنى قايىل قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق يولنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىدەك ئورگانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق يول بۇ رايون بىلەن بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بېرىشتۇر. چۈنكى، بۇ ھەمكارلىق ئۇلارنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىدىكى زور توسۇق بولۇپ قالىدۇ. بولمىسا، بۇ ھەمكارلىق ئۇلارنىڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا نىسبەتەن كەچ قالغانغا قارىغاندا بالدۇرراق ھەرىكەت قىلىشى ئاقىلانىلىك بولىدۇ.» 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئادام سىلۋېرغا يازغان مەكتۇبىدا، ئۇنىڭغا 4 تۈرلۈك تەلەپ قويۇلغان. بۇ 4 تۈرلۈك تەلەپ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئەزالىرىغا نېمىنى سۆزلەش، نېمىنى سۆزلىمەسلىك ھەققىدە ئۆلچەم بېكىتىپ بەرمەسلىك، ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي تەرەپ NBA نى بايقۇت قىلىشقا خاتىمە بەرگەنگە قەدەر خىتايدىكى پائالىيىتىنى توختىتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ، كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك ۋە دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىنى قايتا ئويلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.