ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى: خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-10-18
Share
robert-o'brien.jpg ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 24-ئىيۇن، فونىكس، ئارىزونا.
AP

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن بىر جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۈمە كۈنى روبېرت ئوبرايېن ئاسپېن ئىنستىتۇتى ساھىبخانىلىق قىلغان تور پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىسا، ئۇنىڭغا يېقىن بىر ئىش شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

روبېرت ئوبرايېن ئامېرىكا تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى مەنبەلىك ئادەم چېچى بىلەن ياسالغان «زور مىقداردىكى» چاچ مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلار ھەقىقىي ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ ئامېرىكىغا ئەۋەتىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىيۇندا ئۇيغۇر رايونىنى مەنبە قىلغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان ئادەم چېچى مەھسۇلاتلىرى، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئىيۇندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت چارىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ «كىشىنى چۈچۈتىدىغان» ۋە «كۆڭۈلنى پاراكەندە قىلىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ ۋەزنىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.