ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.10.30
awam-palatasi-tashqi-ishlar-komiteti-reisi-elyot-engel.jpg ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېليوت ئېنگېل بۇ قېتىمى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكتە. 2019-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
foreignaffairs.house.gov

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارادىكى زور ۋەقەلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھەقىقەتنى ياقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كەسكىن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى 2019-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىدە ئىپادىلەندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشىنى ئەيىبلەش، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە پاراكەندە سېلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا رەسمىي قانۇن بولۇشىدىكى بىر زور قەدەم ئىكەن. 30-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتى بولغان تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرىگە قويدى.

مۇزاكىرە يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېليوت ئېنگېل بۇ قېتىمى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

بۈگۈنكى مۇزاكىرىگە قويۇلغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككائۇل سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تولىمۇ مۇدھىش ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەھشىيانىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. ئۇ دەل مۇشۇ خىل سەۋەبلەردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى، بولۇپمۇ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» غا ئوخشاش قانۇنلارنى كۆپلەپ ماقۇللاپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قېلىشىنى چەكلەش لازىملىقىنى بىلدۈردى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى چەكلىشىمىز لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.

مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى بولغان براد شېرمان ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ھازىرقىدەك بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ئايدىڭلىشىپ بولغان ۋەزىيەتتە، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار غايەت زور كۆلەمدىكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشقا، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقاندا، ھەتتا چەتئەللەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارمۇ خاتىرجەملىككە ئىگە بولالمايۋاتقاندا بەكمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن زۇلۇمغا شېرىك بولغۇچىلارنى ئايرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققۇچىلاردىن بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس بۇ توغرىسىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، بولۇپمۇ نەنسىي پېلوسى، ماركو رۇبىيو قاتارلىق ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ ھارماي-تالماي بۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارغا ئىشلەتكەن ۋاسىتىلەرگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى جازا لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن مەزمۇنلارنىڭ ھازىر ئەينەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «كوستكو» شىركىتىنىڭ مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان بالىلار كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىشى بۇنىڭغا مىسال ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھازىر بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ «ياۋايىلار» دەۋرىدىكى ئۇسۇللار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن پالاتا ئەزاسى تېد يوخو ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشى بىلەن بىرگە بۇ جايلاردا كۆپلىگەن جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا «ئەگەر ھوشيارلىقىمىز بوشىشىپ قالسا تارىختىكى پاجىئەلەر قايتا تەكرارلىنىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان پالاتا ئەزاسى سۇزان ۋىلد خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئائىت ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بىۋاسىتە شاھىتلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق ھەممىلا جەھەتتە ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «بىز ئىلگىرى ‹ئەمدى ھەرگىز قايتىلانمايدۇ! › دەپ ۋەدە قىلغان ئىشلار ھازىر قايتا يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ شوئار ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ ۋاقتى مانا مۇشۇ تاپتا يېتىپ كەلمەكتە. كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىزدىن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى ياكى نېمىلەرنى قىلمىغانلىقىمىزنى سورايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم،» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇزاكىرە ۋەكىللىرى مۇشۇ يوسۇندا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن رەئىسى ئېليوت ئېنگېل يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بۈگۈنكى مۇزاكىرەدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ماقۇللاش مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاخىرقى ماقۇللىشىدىن ئۆتۈشىدىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ، ئىككى پالاتادىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇشىغا يول ئېچىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.