ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى: «خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە قايتا قاراپ چىقىش كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇرىي تۈركەل يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ تونۇشتۇردى. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇرىي تۈركەل يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ تونۇشتۇردى. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ يىل 5-ئايدا ئوسلودا ئېچىلغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» گە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇتۇقىدا، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئەگەر خىتاي بۇ لاگېرلارنى تاقىمىغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھەققىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. ئارقىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن «ئۆزگىرىش» ناملىق تور بەتتە «ھوقۇق بولمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلانغان. 

5-دېكابىر كۈنى بولسا، ماركو رۇبىيو قاتارلىق 10 نەپەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىمزالىق مەكتۇب يوللىشى بىلەن بۇ چاقىرىقلار يەنىمۇ كۈچ قازاندى. 

ماركو رۇبىيو، مارشا بلەكبۇرن، ئەد ماركىي، دىك دۇربىن، جوش خاۋلىي، رىك سكوت، رىچارد بلۇمېنتال، كېۋىن كرەيمىر، تود ياڭ ۋە جېررىي موران قاتارلىق ئون نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان خېتىدە ئولىمپىك كومىتېتىنى ئولىمپىككە ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان. خەتتە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: 

«بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، يەنى پىكىر ئەركىنلىكىنى زوراۋانلارچە باستۇرىدىغان، بېسىم سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى دۆلەتنىڭ قولى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە شەرت ۋە تەلەپ قويۇلماي تۇرۇپ ساھىبخانلىق قىلماقچى بولۇشى بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا». 

سېناتورلار خېتىگە يەنە تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلغان: «قايتىدىن قاراپ چىقىلغان ‹ساھىبخان شەھەر كېلىشىمى› دىكى شەرتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشىغا ئائىت ئۆلچەملەرنى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ساختىپەزلىك، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى خەلقئارالىق كېلىشىملەر، قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە تۈگىتىش ھەققىدە كاپالەت بېرىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. . . خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئىسپاتى بولسا نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى تەرىپىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زالىملارچە ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى زۇلۇمى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىغا ئائىت ھەم شۇنداقلا خەلقئارالىق زھورنالىستلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدىكى تۈزۈملىرىگە ئائىت مەخپى ھۆججەتلەردۇر. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسى 2019-يىلى نويابىردا ئاشكارىلاندى.».

ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدىكى سېناتورلارنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى مۇنازىرىگە قويۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن. نۇرىي تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققى بېرىلىشى زور سەۋەنلىككە يول ئاچقان بولۇپ، بۇ ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى دۇنيا سەھنىسىدىكى ئوبرازىنى تىكلىشى، ئۆزىنى قانۇنلۇق ھاكىمىيەتتەك نامايەن قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. شۇڭا نۇرىي ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشغا يول قويماسلىق ئۈچۈن بۇ چاقىرىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىدىكى ماركو روبىيو ۋە رىك سىكوت قاتارلىق سېناتورلار خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا يوللىغان مەكتۇبىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئالدىدا خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغاننى ئاز دەپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە نازارەت ۋە كونترولنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۆكتىچى شەخسلەرنىڭ ئۆيىدە نازارەتكە ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللانغانلىقىنى، شۇ يىلى يەنە بالىلارنى ئەمگەككە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە دېلونىڭمۇ ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغىمۇ ئولىمپىك ھەققىدە قانداق خەۋەر ئىشلەش بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا خەۋەر ئىشلىمەسلىككە ئوخشاش چەكلىمىلەرنى قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

سېناتورلار، يەنى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىنى يۇقىرىدىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، ساھىبخان دۆلەتلەرگە، ئولىمپىكتە قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا، ساھىبخان دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تۈپ شەرت-شارائىتلىرىنى تەييارلىغان بولۇشىدەك شەرتلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغان.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە تىنچلىق، باراۋەرلىك، ئەركىنلىكنىڭ سىموۋلى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بۇنىڭغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقان ھاكىمىيەتكە بېرىلىشىنىڭ تولىمۇ خاتالىقىنى تەكىتلەپ، ئولىمپىك كومىتېتى ئۆز قارارىغا قايتا قاراپ چىقىشى كېرەك، دېدى. 

بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلارنىڭ نۆۋەتتە ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن «ئۆزگىرىش» ناملىق تور بەتتە «ھوقۇق بولمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بولمايدۇ» تېمىسىدا باشلانغان ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىمۇ خېلى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن. 6-دېكابىر، بۇ ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىگە قول قويغانلار سانى 27 مىڭدىن ئېشىپ، 35 مىڭ كىشىلىك نىشانغا يېتىشكە ئاز قالغان.

مەزكۇر قول قويۇش ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقى ئۇيغۇر، ئىنگلىز، خىتاي، تۈرك، ياپونچە ۋە ھىندونېزىيەچىدىن ئىبارەت 6 خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان. چاقىرىقتا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ روھى بولسا ئەڭ نېگىزلىك بولغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا يول قويۇش ۋە ھۆرمەت قىلىش، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئىنسانلارنىڭ تىنچ ھالدا بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۈر. . . ئەگەر خىتاي جازا لاگېرلىرىنى 2022-يىلىغىچە داۋام قىلدۇرسا، ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ ھېچقانداق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. بېيجىڭنىڭ تاللىشى ناھايىتى ئاسان: ياكى نەچچە يۈزلىگەن جازا لاگېرلىرىنى تاقىشى كېرەك ۋە ياكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك». 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ماركو رۇبىيو قاتارلىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىنى قارشى ئېلىپ، يەنىمۇ كۆپ جامائەتچىلىكنى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر لاگېرلارغا قامالغان ۋە لاگېر سىرتىدىكىلەرمۇ ئىنسانىيلىققا زىت سىياسەتلەرنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، خەلقئارا جامائەت جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «خىتايغا ئوخشاش خەلقئارادىكى يۈز-ئابرويىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتايغا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم قىلىدىغان ئىنتايىن ياخشى بىر كوزۇر» دەپ كۆرسەتتى. 

يۇقىرىدىكى ئامېرىكا سېناتورلىرىنىڭ ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش قوزغايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت