تۇتاش چېكىتلەر: ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تورى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.25
amy lehr.JPG ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئېمىي لېر (Amy K. Lehr) خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە.
RFA/Eziz

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا تەلتۆكۈس ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، بۇ لاگېرلارغا قامالغان مەھبۇسلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقىنى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ھەر خىل ناملاردا تەسىس قىلىنغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا «قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشى ھەمدە بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك «ئېتىبار سىياسىتى» قاتارىدا چۈشەندۈرۈشى بولدى.

بۇ مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئەمىي لېر (Amy .K.Lehr) نى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇ يېقىندا خىزمەتدىشى ئېفسىمىيا مارىيانىڭ ياردەملىشىشى بىلەن تەييارلاپ چىققان «شىنجاڭدىكى تۇتاش چېكىتلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە غەرب بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرى» ناملىق دوكلاتتا مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئەمىينىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى دەسلەپ 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمدا نۇقتىلىق قىلىپ پۈتۈنلەي ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر مىليونلىغان كىشىنىڭ قانۇنسىز ھالدا لاگېرغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بۇ جايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پۈتۈنلەي خورلاش ئاساسىدا داۋام قىلماقتا. چۈنكى بۇنىڭدا ئاساسەن ئىقتىسادىي پايدا باش نىشان قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مەركەزلەشتۈرۈپ قوماندانلىق قىلىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ، ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەت ۋە تىل مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىشنى كۆزلىگەن» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئەمىي لېرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇننى مەجبۇرىي ئەمگەك ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش قىلمىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ھازىر بۇ خىلدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەپ چىقىش» ئۇرۇنۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان بەزى كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆپ خىل ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان سابىق مەھبۇسلارنى زىيارەت قىلدۇق. بۇنىڭ بەزىسى ئۇلار تۇتقۇندىكى ۋاقىتتا كۆرۈلگەن بولسا يەنە بەزىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە رازى بولۇش بەدىلىگە تۇتقۇنلۇقتىن يۆتكەلگەن. بۇ كىشىلەرگە ئۆز نۆۋىتىدە ياخشى ئىشلىمىسە يەنە لاگېرغا قايتىپ كېتىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان. بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىمىزدىكى بىر مۇھىم مەنبە. يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان بەزى ھۆججەتلىرى ۋە زاۋۇتلار چىقارغان ئۇقتۇرۇشلار بولۇپ، بۇلاردا ھۆكۈمەت ‹كەسپىي تەربىيەلەش› تىكى كىشىلەرنى خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۆتكەش ھەققىدە تۈرلۈك مۇزاكىرىلەردە بولغان. مۇشۇ ھادىسىلەردىن تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل زاۋۇتلاردا ئىشلەشنى ئۆزلىرى خالاپ تاللىمىغانلىقى مانا مەن، دەپلا ئاشكارا بولىدۇ.»

ھالبۇكى ئەمىينىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇچۇرغا بولغان كونتروللۇقنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچىيىشى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان بىرىنچى قول مەلۇماتلارنى ئىگىلەشكە زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان بەزى يازما ئۇقتۇرۇشلاردىن بۇ ھەقتىكى قىسمەن ئەھۋاللارنى يەنىلا مۆلچەرلەش مۇمكىن ئىكەن.

«بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ھەقىقىي قىممىتىنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئىكەنلىكىنى بىلىش بەكمۇ قىيىن. چۈنكى ئۇ جايغا بېرىپ ئاشكارا ھالدا نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە ئىلاجىمىز يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بولمىغان مۇخبىرلارنىڭ ۋە سەيياھلارنىڭ ئۇ جايدىكى بارلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. ئەمما سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە نەچچە يۈز مىڭ ساندىكى سابىق تۇتقۇننىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئەمگەكلەرگە تەشكىللىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇ سان بولسا قەشقەردىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۇ سان ئەمەلىيەتتە بەكمۇ زور.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ساھەسىدە قانداق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ بىرنەچچە قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغاندا «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمىينىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىڭ بىر مۇھىم شەكلى دەل مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدىكەن.

«بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى قەتئىي ئىشىنىدىغان شۇنداق بىر ئىدىيە مەۋجۇت. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇلارنى كومپارتىيەگە تېخىمۇ سادىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادتىن ئۇزاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ بولسا ھازىرقى ئىدىيە ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە ئاساس بولۇۋاتقان يېتەكچى ئىدىيە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› خىزمىتىنىڭ نىشانى بولۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بولسا ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە زاۋۇتلاردا ئىشلەشنى تاللىمىغانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار مەۋجۇت. مەسىلەن ئالساق، ئاشۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردىن قېچىپ كېتىشى بۇنىڭ بىر ئاددىي مىسالى. بۇنداق جايلاردا ئىشلەشنى خالىمىغانلارنىڭ ئۇدۇل لاگېرغا يوللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاشكارا ۋە تەھدىتلىك بۇيرۇقلارمۇ بۇنىڭ ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»

ئەمىي لېرنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى توقۇمىچىلىق ساھەسىدە بەكرەك ئومۇملاشقان بولۇپ، ھازىرقى يۈزلىنىش بۇ ھالنىڭ يېڭىچە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا يول ئاچماقتا ئىكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.