ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى يېڭى يىلنى ئۈمىدلەر ئىلكىدە كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.01.01
Yil-2020-000.JPG ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 31-دېكابىر. خەرندون، ئامېرىكا.
RFA/Gulchehre

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە بىر ئايچە ۋاقىت جىددىي تەييارلىقى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2019-يىلنى ئۇزۇتۇپ 2020-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا يارىشىملىق گۈزەل قىياپەتلىرى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغان 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكالىق دوستلىرى مەززىلىك مىللى تائاملار، ۋەتەن ئىچى سىرتىدا شۆھرەت قازانغان كەسپىي ئۇيغۇر ۋە باشقا سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى.

ئۇيغۇرچە كەيپىيات، ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ئىچىدە يېڭى يىلنى ئورتاق كۈتۈۋېلىش ئارزۇسىدا ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شىتاتلار ھەمدە كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ پائالىيەتكە جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى ئالدى بىلەن سورۇننىڭ باش ساھىبخانى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندى قىزغىن تەبرىك نۇتىقى بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكادا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بىر تۈركۈم سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ تەييارلىغان دولان مەشرىپى بىلەن باشلانغان مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتىگە مەشرەپ تۈسى كىرگۈزسە، ئانا تىل مەكتىپىدىكى ئوماق سەبىيلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلۇق نومۇرلىرى ھەممىنى سۆيۈندۈرىدۇ، . يۇمۇر ۋە كۈلكە-چاقچاقلارمۇ كەم قالمىدى. كىشىلەر، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ يېڭى يىل كېچىلىكىگە قاتناشقان ئارتىسلاردىن 6 يېشىدىن باشلاپلا بالا چولپان سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چوڭ كىچىك سەھنىلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، يېل ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ پىئانىست بولۇپ يېتىشكەن ياش سەنئەتكار قەيسەر ئەنۋەر ۋە يەنە دانىيار، نۇرشات ئاسىم قاتارلىق تالانتلىق ناخشىچىلارنىڭ ئورۇندىغان مۇڭلۇق مېلودىيە، ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ئۇسسۇللۇق خەلق ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ بىردەم خىياللارغا چۆمسە، بىردەم ئىختىيارسىز ئۇسۇلغا چۈشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىل ئاخشىمىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، دۇتارىنى ئالغاچ كەلگەن، ئۇيغۇرلار نازاكەت دەپ چاقىرىدىغان ئەلىس ئاندېرسۇن خانىم ئۆزىنى خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ سورۇنىدا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىدا ھەممە قوشۇلۇپ چاۋاك چالدى. چۈنكى، ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئاخشام ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خۇددى ۋەتىنىدىكىدەك ھېس قىلىشماقتا ئىدى.

كانادادىن تەكلىپ قىلىنغان كۆزگە كۆرۈنگەن سېرىك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىزباسار قىزلىرى ئورۇندىغان يۇقىرى ماھارەتلىك سېرك نومۇرلىرى يېڭى يىل كېچىلىكىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. مېھمانلار سەر خىل ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرىدىن بەھرلىنىۋاتقان ئەسنادا باشتىن ئاخىر سەھنىدىكى نومۇرلارغا چاۋاك چېلىپ ھەممىگە مېھرى بىلەن بېقىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ گەرچە، 2019 يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىدىكى ئىنتايىن ئازابلىق، كۈپ بەدەللەر تۆلەنگەن بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى يېڭى يىلنى ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ، ھاياتقا بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى ۋە-2020-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ نەتىجىلىك ئويغىنىش يىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم بۇنچە كۆپ ئۇيغۇر يىغىلغان سورۇنغا ئىشتىراك قىلىشى بولغاچقا بەكمۇ ھاياجانلانغانلىقنى، بۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىلىك بىر يېڭى يىل بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئۈمىدۋارلىقتىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مەن ئۈچۈن 2020-يىلى ئۈمىدتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تىرىلىش يىلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىلەن باراۋەر يېڭى يىلنى قۇتلۇقلىغان ئامېرىكالىق دوستلاردىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان ماكىس ئەپەندى ھاياجاندا بارلىق پائالىيەتنى ئۆرە تۇرۇپ كۆرۈۋاتاتتى. ئۇنىڭغا مىكرافونىمىزنى تەڭلىگىنىمىزدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى يىلنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، : «2019-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىشىش يىلى، جاسارەت يىلى، خەلقئاراغا ئۇيغۇرنى تونۇتۇش يىلى، خىتاينىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېچىش يىلى بولدى دەپ قارايمەن. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىكىنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ 2020-يىلىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش يىلى بولۇشىنى كۈتىمەن»، دېدى.

مۇراسىم رىياسەتچىلىرى ھەر بىر پروگرامما ئارىسىدا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا تىلەك تىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى لاگېرلاردا زۇلۇم كۆرگەن ئانىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن خانىمنى 2019-يىلىدىكى ئۇيغۇر قەھرىمان ئانا مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئانىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان فىرقەت سەھنىدىن چۈشۈپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ: «بىر پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن 2019-يىلىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئانام لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسا، 2020-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بەكمۇ ئاددىي، بۇ يىلدا ئاپامنى ئامېرىكاغا ساق-سالامەت ئېلىپ كېلىپ، ئون نەچچە يىلدىن بېرى جەم بولالمىغان ئائىلەم بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىش» دەيدۇ.

بىر-برىگە ئۇلانغان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى. كۆڭۈللۈك بۇ سورۇندىن ھاردۇقى چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندى «خىتاي كومپارتىيەسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىمىزى خالايدۇ، دۈشمەن نېمنى خالىسا ئۇنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىشىمىز كېرەك، بىز جەڭگىۋار بولۇشىمىز كېرەك، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت خىتاي كومپارتىيەسىگە بىر سىگنال، سەن مېنى ئولتۈرىمەن دېگەن بولساڭ، مەن تىرىلىمەن دېگەن بىر سىگنال» دەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، يېڭى يىلنى ئورتاق كۈتۈۋالماقتا. بۇ نۆۋەت ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر يىغىلغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بولدى. 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى سېكونتلىرىنى بىللە ساناپ ئۇزاتتى. ئۇلار يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۈمىدلەر ئىلكىدە «بىزنىڭ ناخشىمىز» خورىغا جور بولۇپ كىرىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.