غۇلجىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر بالا ھەمدان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى چەتئەلگە چىقىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكاغا قايتىپ كېلەلمىگەن ئامېرىكا پۇقراسى ھەمداننىڭ پاسپورتى.
ئامېرىكاغا قايتىپ كېلەلمىگەن ئامېرىكا پۇقراسى ھەمداننىڭ پاسپورتى.
Xushtar Rishit teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجا شەھىرىدە تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر بالا ھەمدان خۇشتار يېقىندا ئانىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق دادىسى خۇشتار رىشىت بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ يىل 6‏-ئايدا فىرانسىيەگە يېتىپ كەلگەن ھەمدان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئۆتكەن ھەپتە ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىدا جەم بولۇشقان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 5‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ھەمداننىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىكى ئانىسى-پاتىگۈل سادىقجاننىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەمدان خۇشتار 2015‏-يىلى 10‏-ئايدا ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا بىر يېرىم ياشلىق ھەمداننى ئېلىپ غۇلجىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارغاندا پاسپورتى تارتىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ غۇلجىغا قايتىپ بارغان ۋاقتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇندا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ تۇتقۇندا پاتىگۈلنىڭ دادىسى، غۇلجىدىكى ئاتاقلىق ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى سادىقجان بىلەن ئۇنىڭ سىنگاپوردا ئوقۇپ كەلگەن ئىنىسىمۇ ئامان قالمىغان. سادىقجان 2018‏-يىلى 9‏-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، غۇلجىنىڭ بوز دېگەن يېرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ئىدى.

پاتىگۈلنىڭ يولدىشى خۇشتار رىشىت 23‏-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. خۇشتار رىشىت مۇنداق دېدى: «ئايالىم بىر ئاينىڭ ئالدىدا فىرانسىيەگە كەلدى. ئەسلى ئەنگلىيەگە كەلمەكچىدى، لېكىن ۋىزا ئالالماي فىرانسىيەگە بولسىمۇ كېلىپ تۇرسۇن، دېدى. فىرانسىيەگە ئەكەلسە ئاندىن ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا كىرىپ ئەنگلىيەگە ئېلىپ باراي، دېگەن. لېكىن ئۇ ئىشلار ئاقماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە ئامېرىكانىڭ ۋىزىسى بار ئىدى، بالاممۇ ئامېرىكالىق بولغاندىن كېيىن ئامېرىكادا كۆرۈشەيلى، دېدىم. ئامېرىكاغا كەلدى يېقىندا. مەنمۇ ئايالىم بىلەن بالامنى ئالدىنقى قېتىم ئىككى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەنتىم. ئۆتكەن ھەپتە نيۇ-يوركتىكى ئايرودرومدا كۆرۈشتۇق. كۆرۈشكەندە چۈشۈممۇ-ئوڭۇممۇ دەپ قالدىم. بالام ئۇخلاپ قاپتىكەنتۇق، شۇنداق تاتلىق كۆرۈنۈپ كەتتى كۆزۈمگە.»

ھەمداننىڭ ۋەقەسى بۇ يىل 4‏-ئايدا رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مۇخبىرىمىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن غۇلجىدا قامىلىپ قالغان ئامېرىكىلىق بىر بالىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرمەيۋاتقانلىقىنى سورىغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمداننىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دىپلوماتىك ئارىلىشىشلاردا بولغان. ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ يىل 5‏-ئايدا غۇلجىغا بىر دىپلوماتىنى ئەۋەتىپ، ھەمدان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشقان. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر 22‏-ماي كۈنى غۇلجىغا كەلگەن ئامېرىكا دىپلوماتىنىڭ ھەمدان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە كاشىلا چىقىرىپ، ئۇلارنى كۆرۈشتۈرمىگەن.

خۇشتار رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى غۇلجىدىن كەتكەندىن كېيىن دائىرىلەر ئايالىنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ بالىسىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكادىن بەك جىق ياردەم سورىدىم. . . ئۇلار ئوغلۇڭنى ئەكېلىپ بەرسەك بولامدۇ، دەپ سورىغان ئىدى، مەن ئايالىم بولمىسا ئوغلۇمغا كىم قارايدۇ، دېسەم، بولىدۇ، بىز يولىنى قىلىپ باقايلى، دەپ شۇ زاماتلا غۇلجىغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. . .»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاتىگۈل سادىقجاننى چەتئەلگە چىقىپ يولدىشى بىلەن جەم بولۇشىدا قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. خۇشتار رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ھەمداننىڭ مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى غۇلجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇشى ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئەگەر پاتىگۈلنى قويۇپ بەرسەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ غۇلجىغا بولغان دىققىتىنى ئازىيىدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇشتار رىشىت مۇنداق دېدى: «مەن بۇياقتا تولا يول مېڭىپ ئەرز قىلىپ يۈرگەندىن كېيىن بېسىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارمۇ كېلىپ بالىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، بۇلار بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى چەتئەللىكلەرگە جىق بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بۇ يەردىكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار ئائىلىلەرنى چىقىرىۋەتكۈسى بار ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئايالىمنىڭ پاسپورتىنى بېرىپ ئائىلەڭ بىلەن جەم بولۇۋال دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار جىق بېسىم قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ياردىمى بولدى. ئۇلار ئۇنداق قىلمىغان، مەن بۇ تەرەپتىن رادىيوغا خەۋەر بەرمىگەن بولسام، ئۇنىڭ چىقىشىمۇ تەس بولاتتى.»

لېكىن ئامېرىكادىكى بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەمداننىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشى بىر «كۆز بويامچىلىق» ئىكەن. ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ چەتئەل گىراژدانى بولغان بەزى ئىنسانلارنى قويۇپ بېرىشىنى ‹كۆز بويامچىلىق› قىلىۋاتىدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەسلىدىلا بۇ چەتئەل گىراژدانى بولغان ۋە چەتئەلگە ساياھەت قىلغان ئىنسانلارنىڭ بۇنچىلىك زۇلۇمغا ئۇچرىشى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن بىر جىنايەت. ئاۋسترالىيەلىك 5 بوۋاق بالىنىڭ ھازىر مۇشۇ تۇزاقنىڭ ئىچىدە تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىۋاتىمىز. شۇڭا ئەسلىدىنلا خاتا بولغان بىر ئىشنىڭ كىچىككىنە ئىجابىي تەرەپكە يۈزلىنىشىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر يۈزلىنىشنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىمايمەن.»

نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد بىلەن ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇنى دىنىي ئەخلاقى ۋە ئەقىدىلىرىگە قارشى ئىشلارغا زورلاپ، جىسمانىي، روھىي زەربە بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەھدىتىگە بولغان نىيىتى ۋە كۆز قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن.

خۇشتار رىشىت بىلەن پاتىگۈل سادىقجان ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تونۇشۇپ، 2014‏-يىلى تۈركىيەدە توي قىلغان. ئەينى چاغدا سادىقجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى شۇنداقلا غۇلجىدىكى ئاتاقلىق تىجارەتچىلەردىن 7-8 دەك كىشى ئەر-ئايال تۈركىيەگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ تويىغا قاتناشقان. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا شۇ قېتىم سادىقجانلارغا ھەمراھ بولۇپ تۈركىيەگە چىققان تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت