لاگېر سايىسىدىكى ئاڭلانماس پەريادلار ۋە دۇنيانىڭ سۈكۈتلۈك چۇقانلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-17
Share
lager-zens-zen-bdt.jpg ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2018-يىلى 18-سېنتەبىر، جەنۋە.
REUTERS

ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەر غەرب ئاخبارات ساھەسىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە يەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ ھەقتە كىشىلەر ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىچە خەۋەرلەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىلى ئاپرېل ئايلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەنلىكى، بۇ كىشىلەرنىڭ «سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغان مۇئەسسەلەرگە قامىلىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىق بازىلىرى» ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» بەرپا قىلىۋاتقانلىقى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتىكى تۇتقۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلاردىن زۇمرەت داۋۇت ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى:

دۇنيا دەسلەپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا بۇنىڭدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە گۇمان قىلدى. چۈنكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىللەت ئەزالىرىنى مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر گېرمانىيەسىدە بىر قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيانقى 70 يىل جەريانىدا دۇنيا بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. دۇنيامۇ «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن شوئارنىڭ رېئاللىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەنىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە يۈز مىڭغا بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز بۇ ساھەدە بايراقدار ئالىملىق رولىنى ‍ئويناپ، 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى «زەھەرلىك ئامىللارنى تازىلاش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭغا ئۇلاپلا كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچى شاۋن جاڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنىنى ھەمدە كۆلىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەمدە بۇنىڭدىن داۋاملىق گۇمان قىلىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچىلار دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى، تاشقى جەھەتتە تولۇق قورشاۋغا ئېلىنغان بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەمدىلىكتە ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىمۇ تەدرىجىي كىشىلەرگە مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قېتىمقى زور تۇتقۇننىڭ ئالدى-كەينىدە ئەسلىدە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور قۇلايلىق ۋە راھەت ئېلىپ كېلىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرغا قاماشتىكى بىر مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى دۇنيانى دەسلەپكى قەدەمدە چۆچۈتتى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتى، گەپ-سۆزلىرى، ھەتتا ئوي-خىياللىرىنىڭمۇ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 24 سائەتلىك قاتمۇ-قات كونتروللۇق ئاستىدا ياشايدىغانلىقى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا يېڭى چۇقانلارنى قوشتى. چەتئەللەردىكى ئىلىم ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان ئالىملارمۇ بۇ ھەقتە بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق نىشان قىلغان بىر قېتىملىق «ئىرقىي تازىلاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر قىسىم يېتىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى داررېن بايلېر بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ پاكىتلىق ۋە كۈچلۈك بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئىلاجسىز ھالدا دەسلەپكى مەزگىللەردىكى «بىزدە لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ «بىز تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنى تەربىيەلەۋاتىمىز، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەر بۇ مەركەزلەردە دۆلەت تىلى ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ» دېيىشكە ئۆتتى. ئەمما «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى بۇ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ئىچىدە تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش تەبىئىي پەن ئالىملىرى، ئازاد سۇلتان، ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى غوللۇق شەخسلەر، مۇھەممەد سالىھ داموللىغا ئوخشاش خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان دىنىي ئالىملار، شۇنىڭدەك ناخشا چولپانلىرى، تەنتەربىيە چولپانلىرى دېگەندەك ھېچقانداق «تەربىيە» گە ئېھتىياجى يوق مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارادىن تۇشمۇتۇشتىن سوئال ئوقلىرىنىڭ ئېتىلىشىغا سەۋەب بولدى. خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقلىرى كەڭ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە مەخپىي يۆتكەپ بولغانلىقى ئاشكارا بولدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىۋاسىتە زىيارەت، نەق مەيدان تەكشۈرۈشى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپلەپ مەلۇم بولغاندا خەلقئارادىكى خىتايغا سوئال قويۇش چۇقانلىرى تەدرىجىي ھالدا خىتاينى جازاغا تارتىش چاقىرىقىغا تەرەققىي قىلدى. جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن نەنسىي پېلوسى خانىم «بىز بۇ خىل قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلالمايمىز» دەپ كۆرسەتتى.

2019-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىقىدىكى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ساھەدىن بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر ئاۋاز قوشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئاشكارا بولۇپ كەتكەن لاگېرلار ھەققىدىكى ئىككى يۈرۈش ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئاللىقاچان قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىگە يېتىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى كەسكىن تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خەلقئارانىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمى، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەش خاھىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ رول ئوينىشى ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى بارلىق كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە بەختىيار تۇرمۇشنى باشلىدى» دەپ جاكارلىدى.

ھالبۇكى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەختىيار تۇرمۇشقا قەدەم قويدى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېرلاردىن «زامانىۋى قۇللار» شەكلىدە خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن لاگېرلارنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى «مەرىپەتلىك قىلىش» بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «قۇللار بازىرى» دىكى باھا قويۇپ سېتىلىدىغان تاۋارلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتى.

2020-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدىن باشلاپ دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى كۈتۈلمىگەندە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە چېتىشلىق چۇقانلارنى بېسىپ كەتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان مەزگىللەردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يالغانچىلىق قىلمىشلىرى دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپلۈك ماھىيىتىنى قىسمەن بولسىمۇ ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى بايانلاردا ھەقىقەتنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى روشەن نامايان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت