ئانتونىي بىلىنكىن: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.05.13
ئانتونىي بىلىنكىن: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ» ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن
RFA

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ماي كۈنى يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئانتونىي بىلىنكون سۆزىنى ئاۋۋال مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى. ئۇ سۆزىدە 23 يىلدىن بېرى ئېلان قىلىنىۋاتقان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ مۇھىم ئەھىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنىڭ ھۇلى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھوقۇقنىڭ چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ دوكلاتتا يەر ئالغان ۋە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك دىنىي زۇلۇملار ئۈستىدە سۆز قىلغاندا، خىتاينى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دىنىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە جىنايىلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.»

ئانتونىي بىلىنكىننىڭ قىسقىچە نۇتۇقىدىن كېيىن، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دەن نادېل دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ئۈستىدە مەلۇمات بەردى. دەن ئەپەندىمۇ سۆزىنى ئۇلۇغ رامازاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ روزى ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش بىلەن باشلىدى.

ئۇ 2397 بەتلىك دوكلاتنىڭ پاكىتلار ئاساسىدا، ئەتراپلىق ۋە ئادىل يوسۇندا تەييارلانغانلىقىنى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ يىلللاردىن بېرى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا دۇنيانىڭ «دائىش» تەشكىلاتىنىڭ يەزىدى ۋە خىرىستىيان مۇرتلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، بېرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگالارغا ئېتنىك تازىلاش يۈرگۈزۈشىگە شاھىد بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ: «بۈگۈن بىز ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سالالمايمىز. ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇنى خىتايدا نەچچە ئون يىلدىن بېرى تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ۋە خىرىستىيانلارغا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دىنى زۇلۇمنىڭ يىغىندىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ،» دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنى زۇلۇمنىڭ سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش قىسمىغا كەلگەندە، ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سوئاللارنى سورىدى. مۇخبىرلاردىن بىرى دەنىيال ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشكە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ قاتناشماسلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى.

 ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يانداش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ داڭق چىقىرىش ياكى قانچە دۆلەت بىز تەرەپتە تۇردى ياكى تۇرمىدى، دېگەن مەسىلە ئەمەس. بۇنى خىتاي قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ سىياسەتلىرىمىزنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بار، دەپ دۇنياغا كۆز - كۆز قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق پاكىتلار ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. مەسىلىگە ئائىت سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بار، لاگېردىن چىققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بار، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى بار. دېمەك، پاكىتلار ئېنىق ۋە ھەممەيلەنگە ئوچۇق. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ نېمىلىكى ئېنىق. بىز بۇ ھەقتە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىز يەنە شېرىكلىرىمىز بىلەن جازا تەدبىرلىرى قويۇش، جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئادالەت يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز. ئاقىۋەتتە بۇ قانچىلىك دۆلەت بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى - قوشمىدى ئەمەس، بەلكى بۇ زۇلۇمنى قانداق ئاياقلاشتۇرۇش ۋە كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا راھەت تاپقۇزۇش مەسىلىسىدۇر.»  

ئارقىدىن يەنە بىر مۇخبىر دەنىيال نادەل ئەپەندىدىن ئۆتكەن ئاي خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىپ، دېپلوماتلىرىنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمەسلىككە چاقىرغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورىدى. دانىيال ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «قاراڭ، بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز. پەقەتلا شىنجاڭ ئەمەس، تىبەت ۋە خوڭكوڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل خىتاينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىزگە ئايان. ئولىمپىكقا كەلسەك، بىز ئوخشاش كۆز قاراشتىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلساق، بۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر يارىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. نۆۋەتتە بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەسىلىسىدىكى سىياسىتىمىز ۋە بەرمەكچى بولغان سېگنالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىمكانىيەتلەرگە قاراپ چىقىۋاتىمىز. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلىشىغا قارشى تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، شېرىك - ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

يەنە بىر مۇخبىر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ بىر پايدىسى بولۇۋاتامدۇ؟ ئامېرىكا يەنە جازا تەدبىرلىرىنى داۋام قىلامدۇ؟» دەپ سورىدى. دەنىيال ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بىز مۇمكىن بولغان بارلىق ئاماللارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تېپىپ چىقىپ جازالاشنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتىمىز. بىر پايدىسىنى كۆردۈڭلارمۇ دىسىڭىز، بىز بۇنىڭ زور تەسىرىنى كۆردۇق. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە بۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان، بىراق پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا ئۇلار بۇنى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئاخىرى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمدى، نېمە قىلىۋاتىدۇ دىسىڭىز، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلغانلارنى ئاقلاش باسقۇچىغا ئۆتتى. ئۇلار ئەمدى بۇ تېرورلۇق مەسىلىسىتى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى دېگىلى تۇردى. ئەمما دۇنيا بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ ۋە بىز بۇنىڭ نېمىلىكىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمىز. ئۇلار بۇ مىللەتنى، ئۇلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆچۈرۈۋېتىمەن دەۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە توختاپ قالمايمىز. ھازىرغىچە قىلغانلىرىمىزنى يېتەرلىك دەپ قارىمايمىز ۋە جازالاشقا تېگىشلىكلەرنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

دەنىيال ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ئازراقمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھازىر پـۈتكۈل رايوننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئېلان قىلغان 2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسگە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئۇلارغا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، سىياسىي تەربىيە، جىسمانىي قىيىن-قىستاق، روھىي ۋە جىسمانىي خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى پاكىتلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانىنى مۆلچەردىكىدىن كۆپ دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، تۇتقۇندىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، دوختۇر، ژۇرنالىست، سەنئەتچى، ئىلمىي تەتقىقاتچى، كەسپىي خادىم ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوراق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ بارلىقى، خىتاينىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن رەسمىي ھۆججىتى بولغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغانلىقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى يېزىلغان.

ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «قولغا ئېلىنغان ياكى قولغا ئېلىنغان باشقا نۇرغۇن پۇقرالاردىن باشقا، يۈزلىگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، دوختۇرلار، ژۇرنالىستلار، سەنئەتكارلار، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا كەسپىي خادىملارنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس. شەخسلەرنىڭ سوراق قىلىش، داۋالاشقا سەل قاراش ۋە قىيناش جەريانىدا يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار. بىر ئۇيغۇر تەشۋىقات ۋە ياردەم تەشكىلاتى 2018-يىلدىن باشلاپ دائىرىلەرنىڭ كەم دېگەندە 518 ئۇيغۇر دىنىي زات ۋە ئىمامنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.»

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلىپ: «ئۇيغۇر ئېلىدا 1 مىليون 600 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتەم» دىيىلگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنى پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا چەكلەپ، نوپۇس كۆپىيىشىنى كونترول قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 24 سائەت نازارەتكە ئالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، رايوندىكى تەخمىنەن 16000 مەسچىتنىڭ (ئومۇمىي ساننىڭ 65 پىرسەنتى) ۋەيران بولغانلىقى، 2019-يىلىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھەزەل 900 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ ياكى يېتىم-يېسىرلار ئورۇنلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىدەك پاجىئەلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.