خىتاي «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنى ئاقلىدى
2019.08.21
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچراۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 49 بەتلىك بۇ دوكلات ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان بۇ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەلىم-تەربىيە خىزمىتى»، يەنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» ياكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» قۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاق تاشلىق كىتابنىڭ كىرىش قىسمى ئالدى بىلەن «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ھەر قايسى مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغانلىقى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭدا يەنە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ئاتىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭمۇ يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش تېررورلۇق، رادىكاللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن:
«شىنجاڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇش، يامرىشى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقاتتى».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى» دەپ كۆرسەتكەن ۋە «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا «1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئاشقۇنلار پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدىيەلىرىنى تارقىتىپ، شىنجاڭدا ‹شەرقىي تۈركىستان› دەيدىغان ئاتالمىش بىر دىنىي دۆلەت قۇرماقچى بولدى. بۇ كۈچلەر جۇڭگونى بۆلۈشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دىنى رادىكاللىقنى تەرغىب قىلىپ، كۆپ قېتىم تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. يىللاردىن بېرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى شىنجاڭغا ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ تېررورلۇقنى پەيدا قىلدى» دېگەندەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە يول ئاچقان قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەسكىن ئىنكار قىلغان بولسا، كېيىن تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ بۇنداق ئورۇنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەمما ئۇنىڭ «مېڭىسى زەھەرلەنگەن» كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن بېرىپ تەربىيەلىنىدىغان «ياتاقلىق مەكتەپلەر» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان. ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابمۇ يۇقىرىدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىرى، ئىكەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «بۇ ئاق تاشلىق كىتابمۇ خۇددى ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاشلا لاگېرلارنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بىراق، بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئاتالمىش ‹تەلىم-تەربىيە مەكتەپلىرى› نىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە بۇ مەكتەپلەردە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مېڭىسىنى يۇيۇشتىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. چۈنكى ئۇنىڭدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 3 خىل كىشىلەرگە ئېنىقلىما بېرىلگەن».
دەرۋەقە، خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاق تاشلىق كىتابىدا جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت 4 جايدا دىنى ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ تەسىر ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋە دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، بۇ ئورۇنلاردا دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتەك ۋەزىيەت تەقەززاسىنىڭ باشقا جايلاردىن بەك جىددىي بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ئورۇنلاردا قانداق كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ: «نۆۋەتتە تەلىم-تەربىيە بېرىلىۋاتقان كىشىلەر 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىرىنچى تۈردىكىلەر، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە، ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغانلار ياكى بۇنداق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن كىشىلەر. ئىككىنچى تۈردىكىلەر، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان، رېئال خەۋپ-خەتىرى بولغان ئەمما تېخى رېئال خەۋپ-خەتەر ئاقىۋىتى پەيدا قىلمىغان، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭقۇر بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ، پۇشايمان قىلىپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر. ئۈچىنچى تۈردىكىلەر بولسا، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيلىك جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى باھالاش ئارقىلىق يەنىلا جەمئىيەتكە خەۋپ-خەتىرى بار دەپ قارالغان ۋە جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەربىيەلەنگەن كىشىلەر» دەپ شەرھلىگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئورۇنلاردا «تەربىيەلىنىۋاتقانلار» غا بەرگەن ئىزاھاتىمۇ ئۇنىڭ قانۇنسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىگە ئاساسەن، قەيەردىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن كىشىلەرگە تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇۋاتىدۇ؟ بۇنداق ئۆلچەم قەيەردە بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭمۇ قايتا باھالىنىپ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلمايدىغان، قانۇنسىز ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا»
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا «تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى» نى قانۇنلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەلۇمات، نۇرغۇن ئىستاتېستىكىلاردىن سۆز ئاچقان تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە زادى قانچە كىشىنىڭ بۇ «مەكتەپلەردە» تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بېرىشتىن يەنىلا ئۆزىنى قاچۇرغان. دېمەك، بۇمۇ ئۇنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدا ھەدەپ بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ب د ت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئالاقىدار خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەنە خەلقئارالىق تېررورلۇقنى ۋە رادىكاللىقنى يوقىتىشتىكى مۇھىم تەجرىبە، دېگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ ھەقتە «شىنجاڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى تېپىپ چىقتى. . . تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق» دېيىلگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ خەتەرلىك تېخنىكلىرى ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر دېموكراتىك ئەللەر بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە پۈتكۈل دۇنيانىڭ زور خەۋپكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.