پېتىر ئىرۋىن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئاق تاشلىق كىتاب› ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېتىراپ قىلدى»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.09.18
Aqtashliq-Kitap.jpg خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى 17-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب.
Socila Media

شىنخۇا تورىنىڭ 17-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى 17-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغان.

«ئاق تاشلىق كىتاب» تا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە ھەر يىلى 1 مىليون 300 مىڭغا يىقىن كىشىگە «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى سان-سىفىرلار ئېلان قىلىنغان. 

كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭنىڭ «بۇ ئاق تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلىشى تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىنى «ۋاسىتىلىق ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر» دەپ قاراشماقتا. 

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 17-سېنتەبىر ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تەتقىقاتچى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتاينىڭ 2014-يىلى باشلانغان ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› سىياسىتىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 2019-يىلغىچە ھەر يىلى تەربىيەلىنىۋاتقان 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ سانى غەرب تەنقىدچىلىرى مۆلچەرلىگەن لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىغا ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.» 

«ئاق تاشلىق كىتاب» تا يەنە ئاتالمىش «كۇرسانت» لارنىڭ ئاساسلىقى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «ئاشقۇن ئىدىيە» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. كىتابتا يىل سانى پەقەت 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە دەپ ئېلىنغان بولۇپ، باشقا ئاق تاشلىق كىتابلاردىكىدەك «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەش يىللىق پىلان دوكلاتى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىگەن. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى پېتىر ئىرۋىن مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب» ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ‹ئاق تاشلىق كىتاب› خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ھەققىدە چىققان خەلقئارالىق خەۋەرلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشتىن بۇرۇنقى ئالدىن تەييارلىقىدۇر. كىتابتا ئۇلار 2019-يىلىغىچە يۈرگۈزگەن بارلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ يېزىپ چىقىپتۇ. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» 

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 14-سېنتەبىر كۈنى بەش خىل مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك «بەش خىل تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» (WRO) ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. 

پېتىر ئىرۋىن مۇنداق دېدى: «بۇ ‹ئاق تاشلىق كىتاب› ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى ھۆججەتلەر ئارقىلىق رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولدى. ئۇلار مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› دىن چىقىپ، زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ‹ياخشى ئىش› دەپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ھەريلى 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ‹تەربىيەلىگەنلىكى› نى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي لاگېردا قالماي، كەچلىرى ئۆيلىرىگە قايتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سان تەخمىنەن قانچىلىك كىشىنىڭ مەجبۇرىي ‹تەربىيەلەش› تىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.» 

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئاق تاشلىق كىتاب» تىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىنىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹تەربىيەلەپ› نامراتلىقتىن قۇتقۇزغانلىقى ئەمەس، بەلكى شۇنچە باي زىمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە نامرات ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر يەنە «بۇ ئاق تاشلىق كىتاب» بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جېيمىس ماكگوۋېرن بىلەن بىرلىكتە قوللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا بەرگەن ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە. 

بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئەگەر مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەر تەرىپىدىن ياسالمىغانلىقى ئىسپاتلانمىسا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان. ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق دەپ قارالغان ئورۇن ۋە ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى قوللانغان ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتايغا خېلى قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ‹ئاق تاشلىق كىتاب› نى چىقىرىشنىڭ مەقسىتى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن. شەرقى تۈركىستاندا مۇقىملىقنى قوغداش خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاستە چېتىشلىق بولغاچقا، شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق تەنقىدلەرگە جىددى قاراپ، جاۋاپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. «

18-سېنتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاشقا چاقىرىش ھەققىدە بايانات ئىلان قىلغان ئىدى. 

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە بارلىق ئادالەتپەرۋەر مۇسۇلمان، يەھۇدىي ۋە باشقا جامائەتلەرنى H. R. 6210 ۋە S. 3471 دىن ئىبارەت ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قوللاشقا چاقىرغان. ئۇلار يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىپ كېتىشكە تەشۋىق قىلغان بولۇپ، بۇ چاقىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان دۇنيادىكى 72 تەشكىلات، 35 دۆلەتتىكى 250 نەپەر مەبلەغ سالغۇچى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 

پېتىر ئىرۋىن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىيەت كۈتمەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى سان-سىفىرلارغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ، لېكىن قايسى نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە بىزگە ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيال.» 

خىتاينىڭ بۇ «ئاق تاشلىق كىتابى» دا يازغانلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ پېتىر بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ سىياسى مەدەنىيىتىدە ‹راستىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق مۇداپىيەدە تۇرۇش› تاكتىكىسى بار.» 

تەيۋەن دۆلەتلىك چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شىخ چيەنيۇ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: «بۇ ‹ئاق تاشلىق كىتاب› ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن يېزىلغان. ئۇ ئاساسەن ئامېرىكاغا ‹مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم، بەزى ئۇقۇشماسلىقلار بولدى› دەپ بىر ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.