ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاققۇن ئىشچىلارنى جەلپ قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى


2004.07.22

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاققۇن ئىشچىلارنى جەلپ قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىش ئۈستىدە ئېغىر يارىلانغان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە جامائەت كاپالەت نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇندىن كىيىن ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشچىلار، ئەگەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ، يارىسى 1 - دەرىجىدىن 4 - دەرىجىگىچە بولسا، ئۇلار بىر قېتىملىق ۋە ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدىكەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاققان ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىغا سۇغۇرتا شىركەتلىرى مەسئۇل بولىدىكەن. قاتناشمىغانلارنىڭكىنى بولسا، ئۇلارنى ئىشلەتكەن ئىدارىلەر تۆلەيدىكەن.

بۇ بەلگىلىمە مەخسۇس ئىچكىرىدىن ئېقىپ كىرگەن ئاققۇنلارغا قارىتىلغان بولۇپ، يەرلىك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرى ئارقىسىدا، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.