ئاقساراي خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.01.31
amerika-dolet-mejlisi-xitay-kishilik-hoquq.jpg ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي كومىتېتى 2013‏-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
cecc.gov


خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى سىياسىي، مىللىي مەسىلىلەر، ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلكى، نارازىلىق ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئىزچىل تەقىپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى تەقىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بەزى مۇخبىرلارغا ۋىزا چەكلمىسى قويغان.

ئۇ «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ ۋەقە دەرھال ئاقساراينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاقساراي خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بەرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنېي پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ خىل توسقۇنلۇق ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى كېچىكتۈرۈش، ئۇلارنىڭ سەزگۈر دەپ قارالغان رايونلارغا بېرىشىنى چەكلەش، بەزىدە يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جېي كارنېي، بۇ خىل توسقۇنلۇق ۋە مۇئامىلە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە خىلاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا پۈتۈنلەي پەرقلىق، دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئائۇستېن رەمزىنىڭ ۋىزا ۋاقتى توشۇپ، ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. ئائۇستېن رەمزى پەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەمزىنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بەرمىگەنلىكىنى تېخنىكىلىق سەۋەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئاشكارىلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل ئاقساراينىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەر چەتئەل ئاخباراتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ئىنكاس بىلدۈرۈپلا قالماي، ژۇرنالىستلار، بلوگچىلار ۋە ئاخباراتچىلارنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان بارلىق خىلاپلىق قىلمىشىلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك.

ژۇرنالىستلار ۋە چەتئەل ئاخبارات تور بەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇقتىلىق نىشانى بولۇپ كەلدى. سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ تور پائالىيەتچى شۈ جىيۇڭ ۋە يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ سوتىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىنى توسىدى. ئۇلار پۇقراچە كىيىنگەن ۋە رەسمىي فورمىلىق ساقچىلارنى چىقىرىپ، مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ خىل ھەرىكەت قوبۇل قىلىنمايدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خادىمى دېلفىن خالگاند بولسا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ژۇرنالىستلارنىڭ نۇقتىلىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: خىتاي نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ژۇرنالىستلار ۋە ئىختىيارىي ژيرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولانغان دۆلەت بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ، شىنجاڭ بىلەن تىبەت ئىستىبدات خاراكتېرلىك بۇ ھاكىمىيەت، ژۇرنالىستلارنى نۇقتىلىق باستۇرۇش نىشانى قىلغان رايونلاردۇر، دەپ كۆرسەتتى.

بېنجامىن ئىسمائىل، خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت قاتارلىق ۋەزىيىتى سەزگۈر رايونلارغا بېرىپ، خەۋەر بېرىشىگە چەكلىمە قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدىن خەۋەر تېپىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ، دۇنيا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ خىل توسقۇنلۇق پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەتنى كونكرېت رايونلاردىكى كونكرېت ۋەقەلەردە يەنى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغوللارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ھوقۇق ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭغا يېقىندا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمى مىسال بولالايدۇ. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ، ۋەقەنى خەۋەر قىلىشىغا ۋە ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلمىدى. ئاخبارات خەۋەرلىرىدە پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە يەر بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن يىلى سابىق خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلىسىنىڭ 2 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق مال - مۈلكى بارلىقىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدا نۇرغۇن پاي چېكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر گېزىت يەنە ۋېن جياباۋنىڭ قىزى ئامېرىكا ستانلېي مورگان شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش پۈتتۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر خەلقئارا ئاخبارات ئورگانى شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋ، خۇ جىنتاۋ، ۋاڭ جىن قاتارلىق ھازىرقى ۋە سابىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنت ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بېرىتانىيە ۋىرجىن ئاراللىرىدا شىركەت قۇرۇپ، نۇرغۇن مال - مۈلك توپلىغانلىقىنى پاش قىلغان. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ توغرىلىق خەۋەر بەرگەن.

ئاقساراي باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى كېچىكتۈرۈپ، رەمزىنى چېگىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. جېي كارنېي، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە ۋىزا ئىلتىماسى سەۋەبلىك ئائۇستېن رەمزى ۋە ئامېرىكىلىق باشقا بىر قانچە ژۇرنالىستنىڭ نەچچە ئاي ساقلىغانلىقى، بەزى ئەھۋاللاردا نەچچە يىل ساقلايدىغانلىقى بىزنى ئەندىشىگە سالدى، دەپ كۆرسىتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ۋاقتىدا ۋىزا بېرىشكە، سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى ئۇزارتماسلىققا چاقىردى. ئۇ، بىز ئىككى تەرەپ ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆز - ئارا چۈشەنچە ۋە ئىشەنچىنى ئالغا سۈرۈشىمىز كېرەك. مۇخبىرلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىمىز لازىم، دېدى.

بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئاقساراينىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي، جۇڭگو، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يولسىز تەنقىدىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشقا، سۆزىگە ۋە ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، دېگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىل خىتاينىڭ ئىنكاسى ھەيران قالارلىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. بىراق ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەك، خىتاي مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدا ئەركىن پائالىيەت قىلالايدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى نيۇيوركنىڭ «دەۋر» مەيدانىدا ئەركىن مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئاخباراتى غەرب دۆلەتلىرىدە نېمە، دەپ سۆزلىسە شۇنى سۆزلىيەلەيدۇ. بىراق، چەتئەل ئاخباراتىغا خىتايدا ئېغىر چەكلىمە بار. نۇرغۇن مۇخبىرلارغا ئۇلارنىڭ خەۋىرى سەۋەبلىك ۋىزا بېرىش رەت قىلىنىپ كەلدى. بۇ بىر رېئاللىق. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل خەۋەرچىلىكنى، ئەركىن ئاخباراتنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.