ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر قىزى: «ئۇيغۇر تامىقىنى يېگەچ ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىلىپ قالسۇن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.04.10
uyghur-taam-polu-kawab.jpg ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولۇ بىلەن كاۋاپ.
Pulic domain

ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق گۈلمىرە «ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر قىزى» نامىدىكى يوتۇب قانىلىدا ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تۈرك تىلدا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

گۈلمىرە 2012-يىلى تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىگە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى ياخشى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئويلاپ، ئاخىرى ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان. ئۇ بولسىمۇ لەڭمەن، پولۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تونۇلغان تاماقلىرىنى ئېتىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئاشۇ خىل مەززىلىك تاماقلارنى ئىجاد قىلغان خەلقنىڭ ھازىرقى كۈندە كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلىتىش.

گۈلمىرە مۇشۇ خىلدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق دەردىنى ئاڭلىتىشنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن ئۆزۈم تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەرگە دەردىمىزنى ئاڭلاتقاندا ھەم ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ئۇلار پايدىلىنالايدىغان بىر ئۇسۇلنى تاللىشىمىز كېرەك».

«ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر قىزى» ناملىق يوتۇب قانىلىنىڭ 300 دىن ئارتۇق تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزاسى بار بولۇپ، ھەر بىر ۋىدىيونىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى مىڭدىن ئاشقان. ھازىرغىچە لەڭمەن، پولۇ، مانتا قاتارلىق 8 خىل تاماقنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان. ھەر بىر خىل تاماقنى ئېتىش جەريانىدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، ئۇ تاماقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلىرىدە بەكرەك مەشھۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇ شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھازىر لاگېردا، تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلاتقان. ۋىدىيونىڭ ئاستىغا كۆرۈرمەنلەردىن: «گۈلمىرە خانىم، تاماقلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆردۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق. داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭ. سىزگە رەھمەت!» دېگەندەك ۋە باشقا مەزمۇندا نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشكەن.

گۈلمىرەنىڭ يوتۇب قانىلىدىكى ۋىدىيولىرىدىن پايدىلىنىپ مانتا ئەتكەن ئەلىف خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئەسلىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىغا قىزىقىپ بۇ قانالغا كىردىم. گۈلمىرە مانتىنىڭ ئېتىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەۋېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. مەن ئۇيغۇرلارنى ئازراق بىلەتتىم، لېكىن بۇ ۋىدىيونى كۆرۈپ تېخىمۇ جىق ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. گۈلمىرە ھەم كىشىلەرنى دائىم ئاڭلاۋاتقان خەۋەرنىلا سۆزلەپ زېرىكتۈرۈپ قويماستىن ھەم يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش جەريانىدا كۆرۈرمەنلەرنى بوش ساقلىتىپ قويماستىن بەك ياخشى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپتۇ».

گۈلمىرەنىڭ قانىلىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى باشاك خانىم مۇشۇ ۋىدىيو ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «گۈلمىرە خانىم تاماق ئېتىشنى شۇنداق ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپتۇ. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. تاماق ئېتىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. مانتا قىلىش جەريانىدا ‹بىز بۇ تاماقنى پۈتۈن ئائىلە بىللە ئولتۇرۇپ يەيتتۇق›دېدى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى ھېس ئەتتىم».

گۈلمىرە بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋىدىيولىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلرىنىمۇ ئاڭلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاخىرىدا گۈلمىرە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئەمما، تېخىچە بىر ئىش قىلالمايۋاتقان ياشلارغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىۋاتقان زۇلۇم بەك ئېغىر، لېكىن بىزنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسىمىز يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىر كېسەك، بىر كېسەكتىن قويۇپ كۈچلۈك بىر تام قوپۇرغىلى بولىدۇ. ھەممىمىز ئاشۇ بىر كېسەكنىڭ رولىنى ئوينىساق».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.