«ئاسماندا تور، يەردە قاپقان»: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.16
«ئاسماندا تور، يەردە قاپقان»: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ۇدۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە سوزۇلۇۋاتقانلىقى ھەرقايسى ساھەنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. 11-ئاۋغۇست كۈنى «ئامۇ دەرياسى جەمئىيىتى» بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە 1990-يىللاردىن باشلاپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئەڭ زور ياردەملەردە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي شەرھىلەپ بەردى. 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن باشلاپلا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى «ئوۋلاش» ئۈچۈن ئۇلارنى قارىغا ئېلىشنى باشلىۋەتكەن. بۇ جەھەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينى ئەڭ زور دەرىجىدە خىزمەت قولايلىقى بىلەن تەمىن ئەتكەن. دوكلات ئاپتورلىرى بولغان برادلىي جاردېن ۋە روبېرت ئېۋانس بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىدىن 21 مىسالنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارغا قاراپ چىققان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇ بولغانكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە تۇتقۇن قىلمىغان. ئەكسىچە پاكىستان ساقچىلىرى قولغا ئالغاندىن كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بولۇپمۇ 1990-يىلىدىكى بارىن قوزغىلىڭى ۋە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈنلەي ھالاك بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىككى چوڭ سىگنال بولغان. شۇڭا ئاشۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇلار خىتاي چېگرىسى بويىدا ئۆزلىرىگە قارشى زور كۆلەملىك ھەركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەركەتلىرىنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋېتىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان «يەتتىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت» مۇ دەل مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدا پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى چوڭ نىشانىغا ئايلانغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشىگە قاتنىشىشى ھەمدە «تېرورلۇققا تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش» شوئارى بۇنىڭغا قارشى خەلقئارادىكى پىكىرلەرنى پۈتۈنلەي بېسىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى» نى باشلىشى بىلەن بۇ ئىشلار رەسمىي ھالدا بىر بالداق يۇقۇرى ئۆرلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىمۇ ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا يۇقۇرى پەللىگە چىققان. شۇلار قاتارىدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن قېچىپ چىقىپ قاچاق يوللار ئارقىلىق پاكىستانغان كەلگەن نەچچە ئون ئۇيغۇر قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 

ئاپتورلار 2016-يىلىدىن باشلاپ ئەۋجىگە چىققان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ پاكىستانلىق سودىگەرلەرگە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سان جەھەتتە نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاياللىرى لاگېرلارغا قامالغاندىمۇ ئوخشاش مۇقامنى تەكرارلىغان. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىستاشلىرى ئارقىسىدا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بىز ئېغىر مۈشكۈلاتتا قېلىۋاتقاندا خىتاي بىزگە ياردەم قىلغان تۇرسا، بىز قانداقلارچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلالايمىز؟» دەپ چۈشەندۈرگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئىقتىسادىي ياردەم» ھېسابىغا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى يالغۇز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. دوكلات ئاپتورلىرى بايقىغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق پاكىستان تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ياكى ھەربىي پائالىيەتلىرى ئەمەس، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ھېچقانداق ئارامچىلىق بەرمىگەن. پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان تەمىن ئەتكەن ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئەلچىخانىىسى پاكىستان پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا «خىتاي جەمئىيىتىگە ئەزالىققا تىزىملىتىش كارتىسى» تارقاتقان. بۇنىڭدا «ئەزالىق كېنىشكىسى ئالغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئاچقان مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇيدۇ» دېيىلگەن بولسىمۇ، سانى تۆت يۈزدىن ئاشىدىغان بۇ ساۋاتسىز ۋە نامرات ئۇيغۇرلار ئەزالىق كېنىشكىسىگە ئىمزا قويغانلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەن ئالغانلىقى بولۇپ قالدىغانلىقىنى بىلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «بىرلەشمە مەشغۇلات سىستېمىسى» (IJOP) نىڭ تورلىرى بولسا مۇشۇ تەرىقىدە پاكىستان تەۋەسىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان. 

«ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان دوكلات ئاپتورلىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ھەمدە پاكىستانغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ تەرىقىدە پاكىستان ساقچىلىرى ئارقىلىق خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى،» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد شەھرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  مۇساپىرلار مەھكىمىسى تارماق ئىشخانىسى خىتايدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا ھېچقاچان ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمىغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا قىلىۋاتقان قوپال ۋە دۈشمەنلەرچە مۇئامىلىسىدىن ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولى ۋە قۇرغان قاپقانلىرى بۇ جايغىمۇ ئومۇملىشىشقا باشلاپتۇ» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەر خان ئاز دېگەندىمۇ 37 ئۇيغۇر قاچقۇننى بالا-چاقىسى بىلەن تۈركىيەگە قاچۇرىۋېتىشكە ھەمدەملەشكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ پاكىستاندا ۋاقتىنچە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەرقاچان كېچە-كۈندۈز تەشۋىشتىن خالى بولالمىغان. ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىرەرسى ئىشىكنى چەكسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى بىزنى تۇتقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپلا ئويلايمىز،» دېگەن. ئەنە شۇ قاتاردا ئۆمەر خاننىڭ ئۆزىمۇ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىشى يوق تۇرۇپ قولغا ئېلىنغان. بىرنەچچە كۈنلۈك قىيىن-قىستاقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچە كۈلپەتلەرگە دۇچ كېلىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى «تور سېلىپ ئوۋچىلىق قىلىشى» ئافغانىستاندىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. ھازىر تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئائىلىسى ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئافغانىستاندا ياشىغان ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن پۇقرالىق ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كىملىك ھۆججەتلىرىگە «خىتاي كۆچمەنلىرى» دەپ تامغا ئۇرۇلغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ ھەمكارلىقى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۇ مۇشۇ خىلدىكى سالاھىيەتتە ھېلىھەم ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان نەچچە ئون ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن پېشكەللىكلەرگە دۇچ كېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا «قاپقان قۇرۇپ تور سالماقچى بولغانلىقى» ئالدىنقى يىلى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بولغان «10 نەچچە نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىشى» دىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتى نامىدا تەشكىلات قۇرۇش ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى ئۆز يېنىغا توپلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تېرورلۇق گۇرۇھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەنلەر ئىكەن.

دوكلات ئاپتورلىرى بۇ جەرياندا بايقىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چەتئەللەردە «ئۇيغۇرلارغا تور سېلىش» ھەركەتلىرىنىڭ ھەرقاچان «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نامىدىكى ئىشخانىلارنىڭ يېتېەكچىلىكىدە ئىشقا ئېشىشى بولغان. بۇنىڭدا ئۇلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا ئارقىلىق شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقىنى چېچىش، «جاسۇسلار ۋە قۇلاقلارنىڭ ھەممىلا جاينى قاپلىغانلىقى» نى پەش قىلىشنىمۇ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا ئىجرا قىلغان. 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەر ۋە ئەقلىي شەھەر قۇرۇش» نامىدىكى نازارەت مېخانىزىملىرى ھازىر پاكىستاندىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلارغا كېڭەيمەكتە ئىكەن. ئاپتورلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «ئۇيغۇر قاچقۇنلىرى بۇ يات ماكانلاردا ھېچقانداق قوغدىنىشقا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن، تاشقىي دۇنيانىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىشى بەكمۇ زۆرۈر» دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇلار مۇشۇ مەقسەتتە ھەرقايسى دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرگە «ماگېنتىسكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا ھاياتلىق ماكانى بېرىش، ب د ت دا بۇ ئىشلارغا مەسئۇل مەخسۇس مەلۇماتچى تەيىنلەش، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستان ئىشخانىسىنى بۇ مەسىلە بويىچە مەخسۇس تەپتىش قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇنغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە تەييارلاپ چىقىلغان سىستېمىلىق دوكلات بولۇپ، بۇ خىلدىكى دوكلاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىىشى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.