ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار لاگېر تۇتقۇنلىرى ھەققىدە كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 7-ئىيۇن.ئادىلايد، ئاۋسترالىيە.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 7-ئىيۇن.ئادىلايد، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، سەۋەبسىز لاگېرلارغا قامالغان ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە.

6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋسترالىيە ئا ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ 45 مىنۇتلۇق Four Corner يەنى «تۆت دوقمۇش» پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئادىلايد شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى سۈرەتكە ئالغان. ئىگىلىنىشىچە بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدە ئادېلايدتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە يەككە ۋە كوللېكتىپ ھالدا گۇۋاھلىق بەرگەن. بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. تاش ئەپەندى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋسترالىيە ئا ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ ‹تۆت دوقمۇش› پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. ئا ب س تېلېۋىزىيەسىدىن تۆت مۇخبىر نەق مەيدانغا كەلدى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان، كېسىلگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ يەككە ۋە كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بەردى.»

تاش ئەپەندى يەنە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىمىز ئىنگىل فام رايونىدىكى كوللېكتىپ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئادېلايدتا ياشاۋاتقان 200 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 45 نەپىرى ئۆزلىرىنىڭ سەۋەپسىز تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ يەككە ھالدا گۇۋاھلىق بەردى. ئا ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ‹تۆت دوقمۇش› پروگراممىسىدىكى مۇخبىرلار يەنە ئالدىمىزدا مېلبورىن ۋە سىدنېي شەھەرلىرىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى فىلىمگە ئالماقچى. بۇ ‹تۆت دوقمۇش› پروگرامما گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە 45 مىنۇتلۇق مەخسۇس فىلىم ئىشلىمەكچى، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر پۇرسەتتۇر.»

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادىلايد شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق سەيپىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىمنىڭ سەۋەبى قېرىندىشىم مەستۇرە ئائىلىسىدىن 4 ئادەم، ئاكامنىڭ ئۈچ ئوغلى، ھەدەمنىڭ 4 ئوغلى 2017-يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى يوق. ئۇندىن كىيىن ھەدەمنىڭ ئوغلى، كىچىك دادامنىڭ ئوغلى 97-يىلدىكى فېۋرال ۋەقەسىدە ئېتىلىپ كەتتى. بىر قورساق ئىنىممۇ فېۋرال ۋەقەسىدىن كىيىن مۇددەتسىز كېسىۋېتىلدى، ھازىر 22 يىل بولدى. ئاتا-ئانام ئارقا-ئارقىدىن بالىلىرىنىڭ ھەسرىتىدە ئۆلۈپ كەتتى. خىتاينىڭ زۇلۇمى ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى، بۇنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئەھۋاللار توغرىلىق گۇۋاھلىق بەردىم.»

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ھۆرىگۈل خانىممۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم ھۆرىگۈل يۈسۈپ، مېنىڭ ئىككى ئىنىم، سىڭلىمنىڭ يولدىشى بولۇپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم تۇتۇپ كېتىلدى، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا قارايدىغان قېرىنداشلىرىم بولسا تۈرمىدە. سىڭلىم بىر يىلدىن بېرى يوق، يېقىندا چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، ئەمما ئالاقىمىز يوق، راست چىقتىمۇ ياكى قايتىدىن تۇتۇلدىمۇ بىلمەيمەن. بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن تۇغقانلىرىمنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم، شۇڭا بۇلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردىم.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا تۇتۇلۇپ كەتكەن تۇتقۇنلار ھەققىدە تاراتقۇلارغا گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بىز سوئالىمىزغا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت ئەپەندىمنى جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق گۇۋاھلىق بېرىش ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئويغىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپ، يەككە گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغان كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى بۇ دۆلەتنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسەت بەلگىلىشىدە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇندىن باشقا بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلىدىغان پروگرامما بولغاچقا بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە بۇ خىل گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى يەككە ھالدىكى گۇۋاھلىقلارغا قوشۇلۇپ تېخىمۇ چوڭ كۈچ ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئىتتىپاقلىقىمىزغا، دەۋايىمىزدىكى بىرلىكىمىزگىمۇ تۆھپە قوشىدۇ دەپ قارايمەن.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىگىلىنىشىچە، ئا ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ «تۆت دوقمۇش» پروگراممىسى 45 مىنۇتلۇق مەخسۇس پروگرامما بولۇپ، ئاۋسترالىيەدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان مۇھىم پروگراممىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئاۋسترالىيەدە تۇنجى قېتىم «تۆت دوقمۇش» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت