لاگېرلار مەسىلىسى ئاۋسترالىيەنىڭ سېيدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە مۇھىم سۆز تېمىسى بولغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.05.13
awstraliye-iftar.jpg ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ سېيدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 11-ماي.
RFA/Uchqun

5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ سېيدنىي شەھىرىدە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەت سېيدنىي شەھىرىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئېگىلىشىمىزچە مەزكۇر پائالىيەتكە سېيدنىي شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئاۋستىرالىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرىمۇ قاتناشقان.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۇبۇل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىز 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سىدنېيدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، پائالىيىتىمىزگە سىدنېيدىكى كۆپ قىسىم ۋەتەنداشلىرىمىز ئائىلىسى ۋە ئۆزلىرى تەييارلىغان تائاملار بىلەن قاتناشتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»

ئۇ يەنە مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتىگە سىدنېيدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «جەمئىيىتىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋستىرالىيەدىكى ئىسلام خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى، تۈرك پاراۋانلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا جەنۇبىي ئەزەربەيجان تەشكىلاتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە سىدنېيدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتارلىقلار قاتناشتى.»

مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىسلام خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھاجى مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىدى، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتكە دەسلەپتە بۇنداق لاگېرلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كىيىن خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن گېپىنى ئۆزگەرتىپ بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ ‹تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ئىكەنلىكىنى دېيىشكە مەجبۇر بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرۈش مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىز خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەر تەرەپتىن بېسىم قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تېزرەك تاقاشقا چاقىرىق قىلىمىز.»

پائالىيەتكە قاتناشقان ئاۋىستىرالىيەدىكى ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مايكېل ئويتا ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دېمەكچىمەنكى، بۈگۈن بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىلەن جەم بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىزدۇر. ئەپسۇسكى، ئۇلار خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رېجىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.»

مايكېل ئەپەندى يەنە خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى ئوچۇق ئىپادىلىشىمىز كېرەك، بەزى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە بىز خىتاي ئىقتىسادىنى شۇنداقلا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە ئاۋستىرالىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ بىرگە ئىشلىشىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبورىن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ 10-ۋە 11-ماي كۈنلىرى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېياللىق ئاڭلىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.