ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بالىلار فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بالىلار فېستىۋالىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا . 2019-يىلى 16-ئىيۇن. مېلبورىن، ئاۋسترالىيە.
ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بالىلار فېستىۋالىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا . 2019-يىلى 16-ئىيۇن. مېلبورىن، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

16-ئىيۇن ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتى مېلبورىن شەھىرىدە خەلقئارالىق بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت مېلبورىن شەھىرىنىڭ خوددىل كوچىسىدىكى كوللىڭ ۋۇد زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەتكە مېلبورىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېلبورىن ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋېكتورىيەدە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بىز ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇق. بىزنىڭ بالىلىرىمىز مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ئوينىغان ئىدى، زالدىكى 500 دىن ئارتۇق تاماشىبىنلار ھاياجانلانغانلىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىشلاپ كەتتى.»

ئاسىيە خانىم يەنە سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تاماشىبىنلار ناخشا-ئۇسۇلىڭلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن، سىلەر قايسى مىللەت دەپ سورىدى. بىزمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىمىز بارلىقىنى، ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردۇق. ئۇلار ئەھۋالىمىزدىن خەۋەر تاپتى ۋە بىزگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىز بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەرلىك خەلىقلەرگە ئۆزىمىزنى تونۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.»

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى مېلبورىندىكى تۈرك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئەپەندى بۇ فېستىۋالنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا بالىلار فېستىۋالى 2002-يىلى مېلبورىندىكى تۈرك جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، فېستىۋالىمىزدا ئاساسەن بالىلارنىڭ نومۇرلىرىنى ئاساس قىلىمىز. ۋېكتورىيە ئۇيغۇر مەكتىپى پائالىيىتىمىزگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىز بۇ فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋېكتورىيە ئۇيغۇر مەكتىپىنى كېلەر قېتىملىق ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق فېستىۋالىمىزغا تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشتۇق.»

ئۈمىد ئەپەندى يەنە مەزكۇر فېستىۋالغا ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ قاتناشقانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيىتىمىزگە سىلوۋانىيەلىكلەر، پانجابىلار، پولشالىقلار، ماكېدونىيەلىكلەر، ھىندونېزىيەلىكلەر، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ جەمئىي 14 گۇرۇپپا قاتناشتى.»

مېلبورىندا ياشاۋاتقان رەنا خانىم بالىلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بالىلار فېستىۋالىغا بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى فېستىۋال 18-قېتىملىق فېستىۋال بولۇپ، ۋېكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى پۇختا تەييارلىق بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. بولۇپمۇ ئىككى قىزىمنىڭ نەپىس ئۇيغۇرچە ئۇسۇلى تاماشىبىنلارغا ئىنتايىن ياخشى تەسىر قالدۇردى دەپ ئويلايمەن.»

رەنا خانىم يەنە ۋېكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋېكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بېرى قىزلىرىمنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بالىلىرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە تۈرتكە بولدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مېلبورىن شەھىرىدىكى ۋېكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى گەرچە قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن مېلبورىندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا ئىكەن.

تولۇق بەت