سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.08.26
awstraliye-yighin.jpg سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى: خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى پاش قىلىش» تېمىسىدىكى يىغىندا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 22-ئاۋغۇست، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى: خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى پاش قىلىش» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىننى سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىستۇدېنتلار» گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بەختىيار بۆرە ئەپەندىم يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بەختىيار ئەپەندىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە 70 تەك ئوقۇغۇچى قاتناشتى، ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولدى.»

يىغىندا ئۇيغۇر قىزى سۈبھى بۆرە دوكلات بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە سىناق قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلىش، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابىتىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

مەزكۇر يىغىندا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىممۇ دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىملىق دوكلاتىمنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىدىم ۋە ۋەتەندىكى ئەھۋاللارغا تەتبىقلاپ ئاڭلىغۇچىلارغا سۇندۇم.»

نۇرمەمەت ئەپەندىم يەنە مەزكۇر پائالىيەتتە ب ب س نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن ئەڭ يېڭى پروگراممىسىنىڭ قۇيۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر پائالىيەتتە ب ب س نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن ئەڭ يېڭى پروگراممىسى قويۇلدى، سىدنېيدا ياشاۋاتقان سىڭلىمىز سۈبھى بۆرە ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.»

نۇرمەمەت ئەپەندىم يەنە سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. مۇشۇنداق بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.