سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.04.03
awstraliye-uyghur-medeniyet-1.jpg سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» دە كۆرگەزمە بۇيۇملار. 2019-يىلى 31-مارت، ئاۋسترالىيە.
RFA/Gülchéhre

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئەڭ قىيىن ۋە قاراڭغۇ كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، يەنىلا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تۈرلۈك ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق، دۇنياغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇتۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. سىدنېي ئۇيغۇر ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى خانىملار بىرلىكتە، 31-مارت سىدنېي شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى، ئۆي مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيىتى ۋە بۇ گۈزەل مەدەنىيەتنىڭ قانداق بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق، ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇشتۇردى. سىدنېيدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سىدنېي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا، سىدنېي شەھىرىدىكى چوڭ تەنتەربىيە زالى ك ج ۋ بايرام تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، ئوخشىغان ئۇيغۇر تاتلىق-تۈرۈملىرىدە قىلىنغان ناشتىلىق بىلەن باشلانغان مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە، ئۇيغۇرلار ئەر-ئاياللىرى، بالىلار ۋە ھەر مىللەتتىن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي ۋە ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيەتلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مەدەنىيەتنىڭ قانداق بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ سىستېمىلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق كۆپچىلىككە مەلۇمات بەرگەن.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى پاتىمە سەيياھ خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، پائالىيەت ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك خەلققە مەنسۇپ تۇپراق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان نۇتۇقتىن باشلانغان ۋە ئارقىدىن قۇرئان قىرائىتى قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى قازاغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا دۇئا ئوقۇلغان، كەينىدىنلا ئاۋسترالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى كىرىس خەيسنى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. خەيس ئەپەندى سۆزىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

ئارقىدىن پاتىمە سەيياھ خانىم تاماشىبىنلارغا «ئۇيغۇر» سۆزىنى قانداق تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىكەن.

پاتىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن سىدنېي ئۇيغۇر ئاياللىرى گۇرۇپپىسى 2016-يىلى سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن زۇلپىيە ئەرك خانىمنىڭ «ستارتتس فاكت» پروگراممىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشىنى نىشان قىلغان. بۇ گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن كېيىن سىدنېيدىكى ئۇيغۇر خانىملارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرى جانلانغان ۋە شۇ يوسۇندىكى پائالىيەتلىرى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق داۋاملاشقان.

گۇرۇپپىدىكى پىدائىي ئۇيغۇر خانىم قىزلار بۇ قېتىم «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» ئۆتكۈزۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بۇلتۇر 12-ئايدىلا باشلىۋەتكەن ئىكەن. پائالىيەتنى سىدنېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورۇنلار ئىقتىسادى كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.

پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر ئۆيى» ۋە «مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» جايلاشقان يەنە بىر ئۆيگە تەكلىپ قىلىنغان. مېھمانلار، قاتار-قاتار كۆرپىلەر سېلىنغان، ئوتتۇرىسىغا قىبلىگە قارىتىپ جايناماز سېلىنىپ، قۇرئان كەرىم قويۇلغان شۇنىڭدەك مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قۇم باسما سۈرىتى، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان، يەنە بىر تەرىپىگە بۆشۈك قويۇلغان تۇرغان گۈزەل ئۇيغۇر ئۆيىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. بۇ ئۇيغۇر ئۆيى دېرىزىگە ئېسىلغان ئەتلەس رەختلەر، ئۈستەل ئۈستىگە تىزىلغان ھەرخىل قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، گىلەملەر، كىيىم جاھازىسىغا ئېسىلغان ئۇيغۇرچە كىيىملەر، ئىشكاپنىڭ ئويۇقلىرىغا تىزىلغان ئۇيغۇر دوپپا ۋە ئەتلەس شارپىلار، ھەر خىل مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېللىرى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن ئاجايىپ جەلپ قىلارلىق تۈستە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان.

مېھمانلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ نەپىسلىكىگە ھەيران قالغان ھالدا، تىزىلما بۇيۇملارنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ كۆرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشقان. ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىمۇ مۇشۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 57 پارچە رەسىملىك تەشۋىقاتتىن تەركىب تاپقان ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە سوئال-جاۋابلار، ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە باشقىلارنى بىلىش مۇمكىن. بۇ يەرگە يەنە

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىللىرى، ئۇيغۇر بالىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھويلا-ئارام، قولۇم-قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر قويۇلغان.

تاماشىبىنلار مۇشۇنداق قەدىمىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى كۆرۈۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىققىنى بۇ مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە قانداق ۋەيرانچىلىق ۋە خارلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت سۈرەتلەر بولغان.

مەدەنىيەت پائالىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىملىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك يېمەكلىرى مېھمانلارنى تېخىمۇ ھۇزۇرلاندۇردى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدىكى رەڭدار پائالىيەتلەردىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئاۋسترالىيەلىك جېسسىكا خانىم: «مەنلا ئەمەس، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا دوستلىرىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيىتىگە، مېھماندوستلۇقىغا، مەززىلىك تائاملىرىغا، گۈزەل ناخشا مۇزىكىلىرىغا ھەيران قالدۇق، ئەپسۇسكى بۇ گۈزەل ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقىدەك يوقىتىلىش تەھدىتىگە قالغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىنىۋاتقان تراگېدىيەلىرى بىزنى ئېچىندۇردى ۋە ئازابلىدى. بۇ پائالىيەت ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز سىدنېيدا ئارىمىزدا ئۇيغۇرلاردەك مۇشۇنداق ئۆزگىچە گۈزەل مەدەنىيەت توپلۇقىنىڭ بارلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلەندۇق» دېدى.

سىدنېي شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ نەق مەيداندا ئورۇندىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرى بولسا تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ زور ھاياجانغا سالغان بولۇپ، تاماشىبىنلارمۇ تەڭ ئۇسۇلغا چۈشكەن.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرى ھەر ساھەدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن سىدنېيدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن روھىنگا بالىلار پۇتبول كوماندىسى دوستانە مۇسابىقە ئويناپ، پائالىيەتنى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئارقىدىن «سىدنېي كىچىك چولپانلار ئۇسۇل مەكتىپى» نىڭ ئوماق قىزلىرى ئارقا-ئارقىدىن يالغۇز كىشىلىك ۋە كوللېكتىپ ئۇسۇللارنى ئويناپ، پۈتۈن سورۇننى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزگەن.

شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كېچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان. بۇ پائالىيەتكە ئاۋسترالىيەدىكى تۈرك، ئافغانىستان، خازارا، ئېزەر، سۈرىيە، بوسنىيە، روھىنگا، باڭلادىش، پەلەستىن مۇسۇلمانلىرى ۋەكىللىرى، بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي فالۇنگوڭچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيەلىكلەر قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان.

بۇ پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە باشقا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك سىدنېيدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى ئەزالىرىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتتە قايتا جەم بولۇپ، ناھايىتى خۇشال-خۇرام ئەھمىيەتلىك بىر كۈننى ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.