مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ‹ھەربىي لاگېر› لاردا ئۇچراۋاتقىنى خورلۇق، ئىنسانسىزلاشتۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش!»

0:00 / 0:00

«ھەممىنى بالىلاردىن باشلاش كېرەك» لىكنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە، مائارىپ ۋە ھەربىي تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ،6 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا ھەربىي مەشىق پىروگراممىلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋېدىيولاردىن مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ «دويىن» (تىك-توك) ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېرلارغا قاتنىشىۋاتقان بالىلارنىڭ ۋىدىيولىرى ئىچىدە، مەكتەپ يېشىدىكى خىتاي بالىلار ۋە ئۇيغۇر بالىلارغا ئائىتلىرىمۇ بار.

بۇ ۋىدىيولاردا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈنلەي ھەربىيچە شەكىلدىكى يېپىق باشقۇرۇلىدىغان، ئوخشىمايدىغان ناملاردىكى يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېرلارغا يىغىۋېلىنغانلىقى، شۇنىڭدەك ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغا قەدەر خۇددى ئۇرۇشقا سالىدىغاندەك ھەربىيچە مەشىقلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ۋىدىيولارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ قاتتىق يىغلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئوفىتسېرلاردىن قورقۇۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى بىلەن بالىلارنىڭ بۇ ھەربىي لاگېرلاردا خورلاشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

«ھەربىي لاگېر» لاردىكى بالىلار نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

2021-يىلى 19-يانۋار ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغانىدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ساھىبخانلىقىدا 2021-يىلى ئەنگلىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتى شۇ يىلى 9-دېكابىر كۈنى رەسمىي ھالدا «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.

خىتايدا ئەمدىلىكتە ئالتە-يەتتە ياشلاردىكى بالىلارنىڭ مەيلى ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئېغىر ھەربىي مەشىقلەرگە سېلىنىشى، شۇنداقلا بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئېغىر بېسىم ۋە قاتتىق مەشىقلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىنى جاراھەتلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بولسا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى چوڭ بىر مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ ھەربىي لاگېرلاردا خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرلىرىنىڭ قاتتىق مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن سىن كۆرۈنۈشلىرى بولسا، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنى بىئارام قىلماقتا ۋە ئەندىشىگە سالماقتا.

«ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەربىي لاگېرلاردا ئۇچراۋاتقىنى ‹بالىلارنى خورلاش› قىلمىشىدۇر!»

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىلەمچى قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ساغلاملىق مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكادىكى پىسخولوگىيە يېتەكچىسى ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئەمچىسى مەسۇمە فارچچى (Masumeh Farchtchi) خانىم ئۆزىنىڭ ھەربىي لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇلار ئوچۇق-ئاشكارا بالىلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش» دېدى:

«مېنىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ھېس قىلغىنىم، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا بالىلارنى خورلاش. بۇنىڭدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىلا ئەمەس، يەنە بۇ ئىشلارنىڭ بالىلارنى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بالىلارغا قاتتىق ۋارقىراشنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە تىل ئارقىلىق خورلاش ۋە ھاقارەتلەش ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا پىسخىكىلىق تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە ئەيىبلىتىش، ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى مەجبۇرىي توغرىلاش قاتارلىق تاكتىكىلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشتىن چەكلەشنىڭ ھەممىسى بالىلارنى خورلاش بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇچرىغان بالىلارلا ئەمەس، ھەر قانداق ياشتىكى ھەر قانداق ئىنسان سەلبىي تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھال بالىلارنىڭ روھىنى بەكرەك زەخىملەندۈرىدۇ.»

مەسۇمە خانىم يەنە ئۆزىنى ئەندىشىگە سالغان قورقۇنچلۇق بەزى كۆرۈنۈشلەرنى مىسال ئېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە قادىلىپ دېۋەيلەپ تۇرغان ھەربىي فورمىلىق ئىنسانغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن، بەزىلىرى دەھشەتلىك بىر ۋەھىمىگە ئۇچرىغاندەك قېتىپلا قالغان، يەنە بەزىلىرىدە ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى يوق، خۇددى ھېس- تۇيغۇسى ئۆلگەندەكلا، پەقەتلا بۇيرۇققا ئەمەل قىلىۋاتقان. نۇرغۇنلىرى قاتتىق قورقۇش ۋە ئەنسىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسسىي زەربىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاۋاتقان. بالىلار بۇ خىل تۇراقسىز ھېسسىيات داۋالغۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقاندا ئۇلارغا تەسەللى بېرەلەيدىغان، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدىغان ئاتا- ئانىلىرى يېنىدا يوق بولغان ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى كۆرىمىز. مەن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاسارەتتە قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن.»

ئۇ، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇلار ئوچۇق-ئاشكارا بالىلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنى ئىنسانلىقتىن چىقىرىشتۇر! مېنىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ھېس قىلغىنىم، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا بالىلارنى خورلاش. بۇنىڭدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىلا ئەمەس، يەنە بۇ ئىشلارنىڭ بالىلارنى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بالىلارغا قاتتىق ۋارقىراشنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە تىل ئارقىلىق خورلاش ۋە ھاقارەتلەش ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا پىسخىكىلىق تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە ئەيىبلىتىش، ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى مەجبۇرىي توغرىلاش قاتارلىق تاكتىكىلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشتىن چەكلەشنىڭ ھەممىسى بالىلارنى خورلاش بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇچرىغان بالىلارلا ئەمەس، ھەر قانداق ياشتىكى ھەر قانداق ئىنسان سەلبىي تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھال بالىلارنىڭ روھىنى بەكرەك زەخىملەندۈرىدۇ.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا جىسمانىي ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەقدىم ئېتىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكادىكى تېببىي مۇتەخەسسىس، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆز ئائىلىسى ۋە مىللىتى ئۇچرىغان قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، شۇ ئارقىلىق بۇ بالىلارنى پەقەتلا بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، « بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇغا ئىگە نورمال ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقالماسلىقى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

مەسۇمە خانىم يەنە ئۆزىنى ئەندىشىگە سالغان قورقۇنچلۇق بەزى كۆرۈنۈشلەرنى مىسال ئېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە قادىلىپ دېۋەيلەپ تۇرغان ھەربىي فورمىلىق ئىنسانغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن، بەزىلىرى دەھشەتلىك بىر ۋەھىمىگە ئۇچرىغاندەك قېتىپلا قالغان، يەنە بەزىلىرىدە ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى يوق، خۇددى ھېس- تۇيغۇسى ئۆلگەندەكلا، پەقەتلا بۇيرۇققا ئەمەل قىلىۋاتقان. نۇرغۇنلىرى قاتتىق قورقۇش ۋە ئەنسىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسسىي زەربىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاۋاتقان. بالىلار بۇ خىل تۇراقسىز ھېسسىيات داۋالغۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقاندا ئۇلارغا تەسەللى بېرەلەيدىغان، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدىغان ئاتا- ئانىلىرى يېنىدا يوق بولغان ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى كۆرىمىز. مەن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاسارەتتە قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن، بۇ بالىلارنىڭ ئىنسانسىزلاشتۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئازابلىق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك كوللېكتىپ ئاسارەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار ئۇچرىغان ئاسارەتنىڭ تەسىرى بىر قانچە ئەۋلادقىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.»

مەسۇمە خانىم بىزنىڭ «خىتاينىڭ ھەربىي لاگېرلىرىدا خىتاي بالىلىرىنىڭمۇ ئىرادىسىنى تاۋلاش ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ھەربىي مەشىقنىڭ خىتاي بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۇ خىل تاكتىكىنى ھەر قانداق ئىنسانغا ئىشلىتىش خاتا. ھەر قانداق بالىنىڭ خاتالىقى ئۇنى خورلاش ئارقىلىق تۈزىتىلمەسلىكى كېرەك. بۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ھەربىي فورمىلىق ئوفىتسېر ئۇيغۇر بالىلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدۇ، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان چوڭراق بىر پىلانى بار: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ يوق قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، ئۇيغۇر بالىلىرى شۇ يوقىتىلماقچى بولغان مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلىرى لاگېرلارغا سولانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەتراپتىكىلەر ئۇچرىغان زۇلۇملار بۇ بالىلارنىڭ يادىدا قالىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلارنىڭ كەچمىشىنى مەجبۇرىي ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ خىل لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر بالىلارغا دېۋەيلەپ تۇرغان ئىنسان دەل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان كىشى بولغاندا، بۇ باشقىچە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. ھەر قانداق ئاتا-ئانا بالىلارنى مەكتەپ ياكى لاگېرلارغا ئەۋەتىشتە بالىلاردىن ياخشى خەۋەر ئېلىنىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزالىشى لازىم، ئەمما بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئىشەنچ يوق. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇنداق بىر ئىشەنچ مەۋجۇت ئەمەس. ئۆز پەرزەنتىنى زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرماق ئاتا- ئانىلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئازابلىق ۋە قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەت.»

«‹ھەربىي لاگېر› دا زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ بالىلىرى باراۋەر ئەمەس!»

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكادىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «گەرچە خىتاي بالىلىرىمۇ بۇ خىل ھەربىي لاگېرلارغا قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى خىتاي مىللىتىنىڭ بالىلىرى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۇچرايدىغان مۇئامىلە ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، تەڭ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ » دېدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى -2022يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بىگۇناھ ۋە نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشى، ئۇلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مېڭە يۇيۇشقا ئۇچرىشى، ھەر جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋاللا ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خەلقئارا مەسىلىلەر» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئىمزا قويغان ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› (CRC) غا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار»دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يەنىمۇ كەسكىن ۋە يەنىمۇ كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغانىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئېغىرلاپ بارماقتا.

تارىختىن ساۋاق ئېلىندىمۇ؟

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زور قىرغىنچىلىقىنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن سامىي ستېيگمەن (Sami Steigmann) ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ھەربىي لاگېرلاردا خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

سامى ستېيگمەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ ۋىدىيولاردىن كۆرگىنىم – دەل بالىلارنى خورلاشتۇر. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلغان بىر مەسىلە. ئەمەلىيەتتە بىر جايدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇ جايدا بىر مىللەتكە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇ خىل ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. بالىلارنىڭ مېڭىسىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇيۇش مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا باشلانغانىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ بالىلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خىتاي ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتمەكچى.»

سامى ئەپەندى يەنە يەھۇدىيلار تارىختا ئۇچرىغان پاجىئەدىن ساۋاق ئېلىش لازىملىقىنى، بۇنداق ئادالەتسىزلىكلەرنى دۇنياغا پاش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق - بىر گۇرۇپپا ئادەمگە قاتىللىق قىلىشتۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار مەقسىتىگە يېتىشنىلا كۆزلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ خىل جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلارغا نېمىشقا ھەيران قالىسىز؟ بۇ تارىخنىڭ بىر پارچىسى، بۇ پەقەت خىتايغىلا خاس ئەمەس، بىز تارىختىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟! بىز يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق تىراگېدىيەسىدىن، نەپرەتنىڭ بىر ئىنسان ۋە بىر مىللەتكە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز لازىم. بىز بىرلىكتە ھەر قانداق ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بۇنداق پاجىئەنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. باياناتتا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقى بايان قىلغان ئىدى.