ياۋروپادا «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.05
Barin-Inqilawi-29-Girmaniye-01.jpg بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-ئاپرېل. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈش، بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلار 6-ئاپرېل پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ھازىرلىقىدا بولماقتا.

ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا 5-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادىكى خىتايغا قارشى تۇنجى نامايىش «بارىن ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. بۇ تۈردىكى نامايىشلار 29 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا بارىن قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
5-ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيەدىمۇ «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن. «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت شېھىتلارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتنى «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان.

گوللاندىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-ئاپرېل يەرمەنكە ئۆتكۈزۈشنىڭ ھازىرلىقىنى قىلغان. 

6-ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ئاپرېل كۈنى 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا «بارىن ئىنقىلابى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاب ئىدى» دېگەن جۈملىنى قوللانغان. باياناتتا يەنە «بارىن ئىنقىلابى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ شانلىق كۈرەش داستانىنى ئەبەدىي ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدۇ ۋە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدۇ!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.