ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە جوۋ بايدېن ۋە ئەردوغانلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.21
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ب د ت نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 21-سېنتەبىر. نيۇ-يورك.
AP

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى 21-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلاندى.

كېڭەشتە بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۈگۈن يەنى يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ كورونا ۋىرۇسى، كىلىمات مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، تور بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيەنى قوغداش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن نۇتقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. جوۋ بايدېن مۇنداق دېدى:

«مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ باشلىنىش سۆزىنى نەقىل كەلتۈرمەكچىمەن، ئۇنىڭدا ‹ئىنسانىيەت ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ باراۋەر ۋە ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى دۇنيادىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى› دەپ كۆرسىتىلگەن. ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيە ۋە مەيلى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز بۇنىڭغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلىش ۋە ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن سۆزىدە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى تەھدىتلەر ھەققىدە توختالغاندا يەنە مۇنۇلارنى دېدى:

«يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە بىز دېموكراتىك شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، بىئوتېخنىكا، كىۋانت كومپۇتېرچىلىقى، 5G، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلىتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىشىگە ھەرگىزمۇ ئىنسانىي ئەركىنلىكنى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز».

جوۋ بايدېن دېموكراتىك قىممەت قاراش ۋە قانۇن ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپنى قوغداشنىڭ ھەممە كىشىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇقىنى ئىپادىلەپ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى دېدى:

«كەلگۈسى ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى ھىمايە قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ. ئۇنى بوغۇپ قويغانلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغانلارغا مەنسۇپ. كەلگۈسى ئۆز خەلقىنى باستۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئەركىن نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بەرگەنلەرگە مەنسۇپ. دۇنيادىكى مۇستەبىتلەر دېموكراتىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار خاتالاشتى. گەرچە ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق دېموكراتىيە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىز كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈگىتىشتەك ئەڭ ئالىي غايە ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى قورال يەنىلا دېموكراتىيەدۇر».

ھۆرمەتلىك رادىىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېندىن باشقا يەنە، سىلوۋاكىيە، تۈركىيە، قاتار، كورېيە، كولومبىيە، ئىران، بىرازىلىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرىمۇ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇلار ئىچىدە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى زۇزانا چاپۇتوۋا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سىن ئارقىلىق قىلغان نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

Zuzana-Caputova-UN76-20210921.jpg

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆز دېموكراتىيەمىزنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بۇنداق ھوقۇقلار ھۆكۈمەتلەر خالىسا تاللاپ بېرىدىغان نەرسە ئەمەس. . . . مەيلى بېلارۇسىيەدە بولسۇن، ئىشغالدىكى قىرىمدا بولسۇن، رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا ياكى شىنجاڭدا بولسۇن پۇقرالار ھەممىسى بۇ ھوقۇقلاردىن خالىغانچە بەھرىمەن بولۇشى كېرەك».

بۈگۈنكى كېڭەشنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان يەنە بىر دۆلەت رەھبىرى بولسا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى يەنىمۇ ياخشى قوغدىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز».

Erdoghan-UN76-20210921.jpg

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، كورونا ۋىرۇسى، سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە پەلەستىن قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالدى.

76-نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدا يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرگىنىدەك خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر تەرەققىياتلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «خىتاي ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىپ زومىگەرلىك قىلمايدۇ» دېگەن. بىراق ئۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەلقئارادىن كەلگەن تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇرمىغان. شى جىنپىڭ ئۆز نۇتقىدا خىتاينىڭ يىل ئاخىرىغىچە دۇنيانى ئىككى مىليارد COVID-19 ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتە خىتايدا تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقىغا بىر ئىزاھات بەرمىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 21-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش 25 – سېنتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، كېڭەشنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم نۇتۇقلىرىنى سۆزلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.