ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت دا كۈچلۈك سۈركۈلۈش پەيدا قىلغان، خىتاي ئامېرىكانى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.09.28
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت دا كۈچلۈك سۈركۈلۈش پەيدا قىلغان، خىتاي ئامېرىكانى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي يىغىنى 76-قېتىملىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.
REUTERS

ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ب د ت دا پەيدا بولغان سۈركۈلۈشتە خىتاي ۋەكىلى ئامېرىكانى «‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

جەنۋەدە 13-سېنتەبىر باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى 8-ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋام قىلاتتى. 27-سېنتەبىر كۈنىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ب د ت دا ئامېرىكا باشلىق بىرقىسىم غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاي باشلىق بىرقىسىم مۇستەبىت دۆلەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك سۈركۈلۈش پەيدا بولغان. ئامېرىكا ۋە ب د ت دا كۈزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشى سىياسىتىنى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دېپلوماتىك نازاكەتلەردىن ھالقىغان بىر تەلەپپۇزدا قارشى تەرەپنى ھاقارەتلىگەن ھەمدە ئامېرىكانى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى ئەيىبلەش سادالىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

گېرمانىيەنىڭ خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان NTV نىڭ 27-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى سۈركۈلۈش: خىتاي ئامېرىكانى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىدىكى ئومۇمى يىغىندا ئامېرىكا باشلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن. بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بىراق خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېپلوماتىك قائىدىلەردىن ھالقىغان بىر شەكىلدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەنقىدلىرىنى «رەزىللىك» دەپ ھاقارەتلەپلا قالماي، خىتاينى ئەيىبلىگەن ھۆكۈمەتسىزنى تەشكىلاتلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى «زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار» دەپ ئاتىغان.

خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ھەمدە بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك قارشىلىقلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى چېن شۈ رەددىيە قايتۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن گۈزەل ھايات كۆچۈرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ئۆتكۈزگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› نىڭ ھەددى-ھېسابى يوق. ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، دېدى.»

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ئەسىرلەردە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە قوللانغان مۇئامىلىسىنى نەزەردە تۇتقان. خىتاي ۋەكىلى يەنە ئافغانىستاندىكى يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە ئامېرىكانىڭ مەسئۇل بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكانىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئېچىشىدۇر،» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى مۇتىھەملىكىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 27-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقاندا، خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، يىغىن رىياسەتچىسىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەب قىلغان، ئەمما مەقسىدىگە يېتەلمىگەن.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئامېرىكانى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئۆكتەملىك ۋە بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي باشلىق بەزى مۇستەبىت دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىككى قۇتۇپ شەكىللەنگەن. پاكىستان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىۋالغان ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان 65 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشىدۇر،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.