ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.19
bdt-binasi-aldi.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 15-مارت، جەنۋە.
REUTERS

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا خىتايغا دوكلات يوللاپ، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا بەرگەن مۈجمەل ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجرائاتىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئىجرائات ئەھۋالىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۈجمەل قانۇن‏-نىزاملارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ئىشقا سېلىشى ئارقىسىدا رايوندا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچقان. دوكلاتتا، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىجرائاتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى بوغۇپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشنىڭ كۈچىيىشى، ئەدلىيەگە بولغان نازارەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، قانۇنى رەسمىيەتكە ئەمەل قىلماسلىق، ئىپادە ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش، ۋىجدان، دىنىي ئەركىنلىك، يىغىلىش ئەركىنلىكى، مائارىپ ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىگە بولغان چەكلىمىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى جىددىي ئەندىشىلەرنى قوزغىدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇق قارشى تۇرۇش قانۇنىغا «ئەسەبىيلىك» دېگەن ئۇقۇمنىڭ كىرگۈزۈلۈشى توغرا ئەمەس ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ خىل مۈجمەل ئۇقۇمنىڭ قانۇنلاردا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «ئەسەبىيلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىدە ھېچقانداق ھۆكۈم كۈچى يوق بولۇپ، بۇ مۈجمەل ئۇقۇم قانۇنلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىللىكى بىلەن باغلاشمايدىكەن. دوكلاتتا، «ئەگەر بۇ، قانۇنغا كىرگۈزۈلسە، ئۇ زوراۋان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك پارچىسى بولمايدۇ، بەلكى بۇ سۆزنىڭ ئۆزى بىر خىل جىنايەت شەكلىگە ئايلىنىدۇ» دېيىلگەن.

دوكلاتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى «قورقۇنچلۇق» ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشمەكتە. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى ساراھ كۇك خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل مەكتۇپ ۋە دوكلاتلار خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىنى رەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن. ئۇ 19‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق نۇقتىسى يېڭى مەسىلە ئەمەس. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قېشى تۇرۇش قانۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىلا ئەركىنلىك سارىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئوخشاشلا خەت يېزىپ، قانۇندىكى تېررورلۇق ئۇقۇمىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار بۇ قانۇندا تىنچ ئۆكتىچىلەر ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەنگەنىدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدىمۇ بۇ نۇقتا تەكىتلەنگەن.»

لېكىن ساراھ كۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر مەسىلىنى بۇ قېتىم ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشى خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى يۇقىرىقى كۆتۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەكتۇپنى سېنزوردىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. بىراق خىتاي خەلقى پائالىيەتچىلەر ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپىدۇ. خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە جازالاشنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ. . . . . . . . . . ئەگەر خەلقئارا ئىنكاسلار تېخىمۇ كۈچلۈك بولسا، بۇنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمى ئېغىرلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنى رەت قىلىشى قىيىنلىشىدۇ.»

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش گۇرۇپپىسى، قانۇنسىز تۇتقان قىلىشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى، مائارىپ ھوقۇقى خىزمەت گۇرۇپپىسى، پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق 12 خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىمزا قويغان. مەزكۇر دوكلات بۇ يىل 1‏-نويابىر كۈنى يوللانغان بولۇپ، يېقىندا ئاشكارىلانغانىدى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ھادىسە ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتىر ئىرۋىڭ 19‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەققىدىكى مەزكۇر دوكلات ب د ت نىڭ 10 نەپەر ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى ۋە 2 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن. مەن بۇ مەكتەپنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ۋەقە ئىكەنلىكىگە قوشۇلىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان مۇتەخەسسىسلەر سانى، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە يېتۈك دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر تەپسىلىي بايان ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى كەڭ دائىرىلىك ئىشقا سېلىپ، لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئاچقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇڭا بۇ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى جەھەتلەردە مىسلىسىز بىر ۋەقە. بولمىسا، نورمال ئەھۋالدا ب د ت بەك ئوچۇق ئاشكارا سۆزلىمەيتتى ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلمايتتى.»

پېتىر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلدىكى تۇتقۇنىدا لاگېرغا قامالغان نۇرغۇن كىشىلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن سوتلىنىپ، تۈرمىلەرگە قامالغان. ئۇ، بۇ قانۇننىڭ 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك كەڭ كۆلەملىك سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ئۆتكەن يىلى لاگېردىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن سوتلىنىپ، تۈرمىلەرگە يۆتكىۋېتىلدى. بىز 2017-ۋە 2018‏-يىللىرىدا لاگېردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ قانۇنلار بىلەن سوتلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. بۇ نورمالدا تېررورلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ، جازالانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 21 بەتلىك دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپلا قالماي، رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كەڭ كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىشنىڭ «بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.