بايدېن-پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى خىتاي مەسىلىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-06-19
Share
بايدېن-پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى خىتاي مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشى. 2021-يىلى 16-ئىيۇن. جەنۋە.
AP

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارادا بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار دىپلوماتىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سۈركىلىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن جوۋ بايدېن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ بۇ ئىككى ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر ئۆزگىرىشلەر ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانىدى. يېقىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ جەنۋەدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغانلىقى شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر. مەزكۇر مەتبۇئات مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۆزىنى ئالدىنقى قاتارلىق ھېسابلايدىغان خىتاي مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىكەن.

تۈركىيەنىڭ «ئانادولۇ» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ئانالىتىكا. پۇتىن-بايدېن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئىشلىرى مەلۇم بىر ئۈزۈلۈشتىن كېيىن قايتىدىن ئۆز ئىشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشىدا چوڭ رول ئوينايدىكەن. ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئاتوم قورالىنى قوللانماسلىق ھەم تارقاتماسلىق ۋە باشقىمۇ مۇھىم دىپلوماتىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققانكەن. شۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ بىۋاسىتە رۇسىيەگە ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپىيەتلىرىگە تۇغدۇرۇۋاتقان خەۋپىكەن. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تۇغۇلۇۋاتقان خەۋپلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ سىبىر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ رايوندا بارا-بارا كۆپىيىشى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىكەن. ئەھۋال مۇشۇنداقلا داۋام قىلسا، خىتاي كېلەچەكتە رۇسىيەگە بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىنكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەۋپىنى توختىتىشتا رۇسىيە ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇھىم دەپ قارالماقتىكەن.

«سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن ئالېكساندىر لۇكىننىڭ «مۇمكىنچىلىكلەر دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا تەرەققىيات: جەنۋە ئۇچرىشىشى ۋە خىتاي» ناملىق ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن ھەمدە ئۆزىگە قارشى يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۈشنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىدىن چۆچىيدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ بەزى مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن. چۈنكى رۇسىيە غەربكە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە خىتاينى ئۆز مەنپىئەتلىرىدە پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇبادا غەرب رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق شەرتلەرنى قويسا، رۇسىيەنىڭ سۆزسىز غەرب تەرەپ بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئەمدى رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «پۇشكوف بايدېننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ھالسىزلاندۇرۇش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى» ناملىق ماقالىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئالېكسېي پۇشكوفنىڭ قاراشلىرى بېرىلگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەنۋە كېلىشىمىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتى بولغان. بايدېن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ھالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە پۇتىننى سىناپ كۆرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

خىتاي بۇ ئۇچرىشىشقا قانداق رىئايە قىلدى؟ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى تۇرالامدۇ؟ ھازىرقى كۈندە خىتاي رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتامدۇ؟

رۇسىيەلىك سىياسەتشۇناس بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بايدېن ۋە پۇتىننىڭ جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشىدا رەسىيە پرېزىدېنتى ئۆز مەملىكىتىنى لىدېر سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە نەچچە تىرىشسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى روشەن بايقالغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي، ئەلۋەتتە، جەنۋەدىكى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ قانداق شەكىل ۋە مەزمۇندا ئۆتكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ. بۇنى مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. خىتاي يەنە ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئوچۇق يا بولمىسا يوشۇرۇن ھەمكارلىشىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، بايدېننىڭ نۇتۇقلىرىدا رۇسىيەنى خىتايغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشقا چاقىرغانلىقى سېزىلىپ تۇردى. ئۆزىنى رۇسىيەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق شېرىكى ھېسابلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئەمدى خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشى ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت. بۇ رايوندا خىتاي رۇسىيە ئۈچۈنمۇ ۋە ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ چوڭ رىقابەتچى مەملىكەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھازىر خىتاي مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرۇشقا تىرىشماقتا. خىتاي شۇ جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي لايىھىلىرى بىلەنمۇ رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە بولۇپمۇ تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن خىتاينىڭ قارمىقىغا چۈشكەنلىكىنى روشەن كۆرۈۋاتىمىز. يەنە بىر مۇھىم نەرسە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ناتو بويىچە ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەمۇ مەركىزىي ئاسىياغا كەڭ مىقياستا كىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەلۋەتتە، رۇسىيە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيانى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى، رۇسىيە بۇ جايدا بۇرۇندىنلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانىدى. ئۇ خىتايغا بۇ جەھەتتە تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ».

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ بۇ قېتىمقىدەك ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش بولماي تۇرۇپ، ‹7 دۆلەت گۇرۇپپىسى› نىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا دۇنيانىڭ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. بىرىنچى، بۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ياۋروپا ئۈچۈن ئاساسىي رىقابەتچى ۋە خەۋپ بولغان خىتاي. ئىككىنچى، يەنە بىر رىقابەتچى بۇ رۇسىيەدۇر. ئەمدى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقلىنامدۇ يا يوقمۇ بۇ ئالاھىدە بىر مەسىلە. شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ ئۈچ كۈچ دۇنيانى ئۆز ئارا بۆلۈۋالدى. جەنۋەدە بولغان ئۇچرىشىش بۇ بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان، مۇستەقىل مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدۇر. بايدېن مانا شۇنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ ئۇچرىشىشنى قانداقتۇر بىر ئەنسىرەش بىلەن قوبۇل قىلدى. لېكىن ئۇ دۇنيانىڭ ئۈچكە بۆلۈنگەنلىكىنى ياخشى چۈشەندى. پۇتىن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ھەم سۆھبەت يىغىنىدىمۇ رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى قوللايدۇ.»

پيوتر سۋويىك رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇشۇش مەسىلىسىگە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەركىزىي ئاسىيادا رۇسىيە ۋە خىتاي مەنپەئەتلىرى قىيىنلاشسىمۇ، ئەمما بۇ بىرەر ئوچۇق بىر توقۇنۇشقا ئېلىپ كەلمەيدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي لايىھىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەم قوغداشقا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىرىشىدۇ. رۇسىيە بولسا، خىتاينىڭ بۇ لايىھەلەرگە قاتناشمىسىمۇ، ئۇلارغا قارشىلىق قىلماي كېلىۋاتىدۇ. يەنى بۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا رىقابەتچىلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق توقۇنۇشلارغا ھەر ئىككىلىسى بارمايدۇ دېگەن سۆز. مەتبۇئاتلاردا رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونلىرىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ھەم بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقى ئاستىدا قالغانلىقى توغرىلىق كۆپ ئېيتىلىۋاتىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرىكەن. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسىلا بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇ ئىككى دۆلەت ئالدىراپ بىر-بىرى بىلەن ناچار مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىمايدىكەن. لېكىن كۆپىنچە رۇس ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ كۈچلىنىشى ئاخىرىدا رۇسىيەگە زور تەھدىت يارىتىدۇ، جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە زېمىنلىرىغا بولغان 1960-1970-يىللاردىكى كونا دەۋاسىنى قوزغىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت