«بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2021.03.22
«بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى نەشر قىلىندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋە قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە «بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى 21-مارت كۈنى ئېلان قىلىندى.
Social Media

ھاياتلىق ئىلمى مۇتەخەسسىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى مەرھۇم ئابباس بۇرھاننىڭ يېتەكچىلىكىدە تەسىس قىلىنغان، تەبىئىي پەن ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىن ئۈلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلى 2017-يىلىدىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.

خىتاينىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاينىڭ نېگىزلىك زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەركىبىدە قۇرۇلغان قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 50 دىن ئارتۇق پەن-تەتقىقاتچىنى تەشكىللەپ، «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى چەت ئەلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋە قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە «بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى 21-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندىم ژۇرنال ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدا پەن ‏-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 1980-يىلىدىن باشلاپ، «بىلىم-كۈچ»، «پەن ۋە تۇرمۇش» قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى تەبىئىي پەن ژۇرناللىرى نەشر قىلىنغان ئىدى.

«بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 400 ساندىن ئارتۇق نەشر قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى، لاگېر تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپتىن ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىشى سەۋەبلىك نەشردىن توختىغان ئىدى.

قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ توختاپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىلىق تەپسىلىي توختالدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا چەكلىنىشى ۋە كەسپى ساھەلەردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلماسلىقى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قويىدىكەن. ئېلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ۋە كەسپى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر زەخىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى ئائىلە ۋە تاراتقۇلاردا قىسمەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ۋە پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تېببىي دورا تەتقىقات يېتەكچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىغا يازغان بېغىشلىمىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «‹بىلىم-كۈچ› ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتە قايتىدىن نەشر قىلىنىشى، دەل شۇ مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشتە خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان ئىجابىي كۈچ بولغۇسى. شۇڭا مەن بۇ ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچىلىرىمىزنى بۇرۇنقىدەك يەككە ھالەتتە ئىش قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى تېزرەك قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا، چارىسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقاۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز پەن-تەتقىقاتچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى جان پىدالىق بىلەن ئاقلاشقا چاقىرىمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.