دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى» دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-04-07
Share
uyghur-bingtuan-ishlepchiqirish-qurulush.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تارقالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسى.
xjbt.gov.cn

يېقىندا خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يىغىن ئېچىپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 4-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىرى» ناملىق ھۆججەتكە قاراپ چىقىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، سودا-سانائەت، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، كارخانىلارنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئۇنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بىڭتۇەن شىركەتلىرىنىڭ پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە چەكلەنگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەلقئارادا جازاغا ئۇچراۋاتقان بىڭتۇەن مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ نامىدا بازارغا سېلىشتەك ئالدامچىلىق سىياسىتىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

گوگۇل تورىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «بىڭتۇەن» يەنى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورگان 1954-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم دەرياسى، ماناس دەرياسى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى مۇنبەت زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھېسابىغا 1954-يىلى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدا تەسىس قىلىنغان. 1980-يىللىرى بىڭتۇەننى تارقىتىۋېتىش پىكىرلىرى چىققان. ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش باھانىسىدە، بىڭتۇەنگە زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، بىڭتۇەننى بارغانچە كۈچەيتكەن ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيتكەن. 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا شىددەت بىلەن كېڭەيگەن. بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەرمۇ ئەسلىدىكى شىخەنزە، كۈيتۇڭ، ئارال قاتارلىق ئۈچ شەھەردىن كۆپىيىپ، ھەر بىر دېۋىزىيە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرگە ئۆزگەرتىلىپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەر 18 گە يەتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاتالمىش بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلغان مەزگىلىدىن باشلاپلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا مۇقىملىقىنى ساقلاش نامىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قورالى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاشتا بىڭتۇەننى مەركەز قىلىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلىرىغا قاماش» قىلمىشىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان، گوللاندىيەدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاسىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ چاقىرىقىنىڭ 1996-يىلدىن باشلاپلا ئىزچىل مەۋجۇت سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن 1990-يىللاردىن كېيىن، بىڭتۇەننى بارغانچە كۈچەيتكەن ۋە كېڭەيتكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۈئەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا كېڭىيىشى 1996-يىلى رەسمىي باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1989-يىلدىكى «5-ئاپرېل بارىن قارشىلىق ھەرىكىتى»، 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» بولۇپمۇ، 2017-يىلى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتىن جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ نۇرغۇن يەرلىك كونتروللۇق ھوقۇقلىرىنى بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىڭتۇەنگە قاراشلىق پاختا، پەمىدۇر، شېكەر، توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى، ئېلېكترون سانائەت شىركەتلىرىنى كۆپەيتكەن ۋە ئۇلارنى ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش چەمبىرىكى نامىدا» خەلقئارا بازارلارغا يۈزلەندۈرگەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ھالبۇكى 2017-يىلدىن كېيىن باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى دەل بۇ پىلاننىڭ داۋامى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسىدىكى ئەسۋابلارنىڭ كۆپ قىسمى بىڭتۇەن شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بولۇپمۇ، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە «بىر يول بىر بەلۋاغ ئىقتىسادى تەرەققىيات چەمبىرىكى» نامىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ ئۇلارنى ھەر خىل باھانىلەردە تارقاقلاشتۇرۇش، يىغىۋېلىنغان يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىش، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا بىڭتۇەنگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى تېزلەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەش كۈچەيگەن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بىڭتۇەن جازالاش نىشانى بولغان. مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى» نى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى جىددىي دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت