بۈگۈنكى خىتاي، تۈنۈگۈنكى گېرمانىيەمۇ؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-10-06
Share
بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىك، شى جىنپىڭنىڭ قەسىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا كومپارتىيەسىگە قەسەم قىلدى. 2021-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

20 يىلدىن بۇيان سىياسەت ۋە تارىخ ئانالىزچىلىرى بۈگۈنكى خىتاينى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيەگە سېلىشتۇرۇپ كەلمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، بۈگۈنكى خىتاينىڭ مىلىتارىزىملىق يولىدا مېڭىپ ئۇرۇش قوزغىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىشماقتا ۋە خىتاينىڭ ئەسكىرىي جەھەتتىكى تىز يۈكسىلىشىنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيەنىڭ ئوخشاش ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرماقتا.

يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى «بۈگۈنكى خىتاي تۈنۈگۈنكى گېرمانىيەمۇ؟ ياكى مىللەتچىلىك بايرىقىنى يولۋاس تېرىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانمۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلغان. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ماقالىدا خىتاينىڭ مىللەتچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەربىي جەھەتتە تىز سۈرئەتتە يۈكسىلىشىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدىكى گېرمانىيەگە ئوخشايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە بۈگۈنكى خىتاينى تۈنۈگۈنكى گېرمانىيەگە ئوخشىتىشقا، بۇ خىل سېلىشتۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقى ۋە بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق بىر ئوخشىتىشنى تاپالمىغانلىقنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مۇقەددىمە قىلىنغانىدى.

كورېيە پۇسان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ۋە پروفېسسورى روبېرت كەللىينىڭ قارىشىچە، مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى بارغانسېرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ بۈگۈنى، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشايدىكەن. دۆلەتنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر تەۋرىنىشكە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي، ھەربىي كۈچكە تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشماقتىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1871-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ، بىرقانچە 10 يىل ئىچىدىلا قوشنا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئېغىر سانائەت، خىمىيە ۋە ئىلىمنىڭ باشقا ساھەلىرىدە تېز تەرەققىي قىلىپ، ۋىلھېلىم2 ھۆكۈمرانلىقىدىكى گېرمانىيەنى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ھەم دۆلەتنى قۇۋۋەتلىك بىر قاتتىق كۈچكە ئىگە قىلغان. گېرمانلار بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەن مائاش، ئۇزۇن ئىش ۋاقتى بىلەن ئىنتايىن جاپالىق ئىشلىگەن، ئۇلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.

بىراق، تارىخشۇناس كىرك روگېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى گېرمانلار كۆمۈر ۋە تۆمۈر بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي زاۋۇتلارنى قۇرۇپ يۈكسەلگەن بولسا، بۈگۈنكى خىتاي چەتئەل كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلاپ ۋە ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىرىنى تىز سۇر´ئەتتە ئوغرىلاپ يۈكسەلمەكتە ئىكەن. كىرك مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئورتاقلىقى بار، ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە غايەت زور بيۇروكرات قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق ئاممىۋى توپىلاڭلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. خىتايمۇ ھازىر ئوخشاش ئىشنى قىلماقتا».

سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خوۋېر ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى رۇسسېل بېرماننىڭ بايان قىلىشىچە، يۈكسەلگەن ۋىلھېلىم2 گېرمانىيەسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنىڭ قۇۋۋىتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمى ئارقىلىق نامايان بولغىنىدەك، بۈگۈنكى خىتاينىڭ كۈچىمۇ دېڭىز ئارمىيەسى قۇۋۋىتىدە ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشتا كۆزگە چېلىقماقتا. بۇنىڭغا ھەر تەرەپلىمىلىك ئەسەبىي خىتاي مىللەتچىلىكى ھەمراھ بولماقتىكەن. بېرمان مۇنداق دېگەن: «خۇددى بۈگۈنكى خىتايغا ئوخشاش، 1900-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى گېرمانىيە ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئىنتايىن ئىلغار ھېسابلايتتى. گېرمانىيە ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلىرىدە يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى. بۈگۈنكى خىتاي بولسا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەينى زاماندىكى گېرمانىيە بىلەن ھازىرقى خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى رايوننىڭ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ زومىگىرى بولۇشنى قوغلىشىدۇ، ئۇلارنى زومىگەرلىك مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان ئامىل دەل ئارمىيەدۇر. بۈگۈنكى خىتايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەسىرى ھەممە جايغا يېيىلغانغا ئوخشاش، ئەينى زاماندىكى گېرمانىيەدىمۇ ئارمىيەسىز يەر قالمىغان ئىدى».

بۈگۈنكى خىتاينى ئەينى زاماندىكى گېرمانىيەگە سېلىشتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكرىنى ئىزھار قىلدى.

كورېيە پۇسان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ۋە پروفېسسورى روبېرت كەللىينىڭ تىلغا ئېلىشىچە، خىتايدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مىللەتچىلىك ئىدىيەسى غەرب ۋە ياپونىيەنىڭ خىتايدا پەيدا قىلغان «100 يىللىق ھاقارەت» لىرىنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغانىكەن. خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ تەربىيەسى» مۇ، دەل مۇشۇ خىتايچە مىللەتچىلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىكەن.

ماقالىدا ئىزاھلىنىشىچە، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ قانداق قىلىپ خىتايدا 100 يىللىق زومىگەرلىك چۈشىنى بەربات قىلدى» ناملىق ماقالىدا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاساسى مۇددىئاسى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش پەيدا قىلغان خىتاينىڭ يۈكسىلىشى، خىتاي خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىسلاھات ۋە تۈزۈلمىنىڭ غەلىبىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ بىر مەيدان ئۆچ ئېلىشتۇر. نەتىجە بولسا خىتاينىڭ، خەنزۇلارنىڭ غەربنىڭ ئىككى ئەسىرلىك ھاقارىتىگە قايتۇرغان جاۋابىدۇر».

ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئۇچىغا چىققان خىتاي مىللەتچىسى ئىكەن. بۇ خاراكتېرى ئۇنىڭ شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشىغا، خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نى ۋەيران قىلىشىغا، تەيۋەنگە توختىماستىن ھەربىي تەھدىت سېلىشىغا، خىتايدىكى چەتئەل كارخانىلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە ھەمدە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.

ئەسەبىي مىللەتچىلىك ۋە ھاقارەت ئېڭى خىتاينى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى گېرمانىيەگە ئوخشاش زىددىيەتلىك بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋىليام شىرېرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا «خۇددى ھازىرقى خىتايغا ئوخشاش، ئەينى چاغدىكى گېرمانىيەمۇ ئەخلاقنى ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار باشقىلارغا ھۇجۇم قىلغان، بىراق باشقىلار ھۇجۇم قىلسا خاپا بولۇپ كەتكەن».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت