بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول: ئۇلار ئاتامنى قويۇپ بەردى، ئەمما ئائىلىمىزدىن 20 ئادەم تۇتقۇندا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دوكتور بۇرھان سېتىنىڭ دادىسى سېتى ياقۇپ (سولدىن 3-كىشى) نىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىنىلىرى يۈسۈپ ياقۇپ (سولدىن 1-كىشى)، ئەمەت ياقۇپ (سولدىن 2-كىشى) ۋە مەمەت ياقۇپ (سولدىن 5-كىشى).
دوكتور بۇرھان سېتىنىڭ دادىسى سېتى ياقۇپ (سولدىن 3-كىشى) نىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىنىلىرى يۈسۈپ ياقۇپ (سولدىن 1-كىشى)، ئەمەت ياقۇپ (سولدىن 2-كىشى) ۋە مەمەت ياقۇپ (سولدىن 5-كىشى).
Photo: RFA

تۈركىيە ئىستانبۇل ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى  دوكتور بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول ئەپەندى ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇمۇل قارا دۆۋە يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تەخمىنەن 20 كىشىنىڭ 2017- يىلى ۋە 2018-يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ھەتتا تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىدىن ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان 20 كىشىنىڭ ئىسمىنى 6-ئاينىڭ 17- كۈنى ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبئوك، تۋىتېر قاتارلىقىلارغا يوللاپ ئۇلار ئۈستىدىن ئاشكارە ئىسپات بەرگەن.

دوكتور بۇرھان سېتى تىزىملىكتىكى ئىسىملىك تەرتىپى بويىچە يۇرتى قۇمۇل قارا دۆۋە يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىدىن  تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بەردى.

رىزۋانگۈل سېتى. بۇرھان سېتىنىڭ سىڭلىسى 2018- يىلى 12-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن .

ئىسمائىل كېرەم .رىزۋانگۈل سېتىنىڭ ئېرى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بۇرھان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ سىڭلىسى رىزۋانگۈل سېتى 2018- يىل 12- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. سىڭلىسىنىڭ ئېرى ئىسمائىل كېرەم بولسا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن  سەزگۈر شەخس دەپ كۆزىتىلىپ، قۇمۇلدىكى بىر دىنىي ئۆلىماغا ئۇ دوختۇرخانىدىكى مەزگلىدە پۇل ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇرھان سېتى يەنە دادىسىنىڭ ئىنىلىرىدىن ، يەنى تاغىلىرىدىن يۈسۈپ ياقۇپ، ئەمەت ياقۇپ، مەمەت ياقۇپ قاتارلىق 3 ئاكا-ئۇكا ، ئۆگەي ئاكىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۈسۈپ ياقۇپ دادىسىنىڭ چوڭ ئىنىسى بولۇپ، بۇ يىل 62 ياش ، ئۇ 2017- يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئىبراھىم يۈسۈپ ۋە  ئىسمائىل يۈسۈپ، يۈسۈپ ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئاق ئايلا كاسىپ ئىبراھىم يۈسۈپنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ 2018- يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن .

ئەمەت ياقۇپ، دادىسىنىڭ 2- ئىنىسى بولۇپ، ئۇ قوغۇن سودىگىرى ئىدى. ئۇ، 2017- يىلى 7-ئايدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان، شۇندىن بېرى ئىز- دېرىكى يوق. 2016- يىلى ئۇ 3 قىزىنى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقارغان .

ھەمراخان ئابدۇرېھىم، ئەمەت ياقۇپنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ 2018- يىلى تۇتقۇن قىلغان.

مەمەت ياقۇپ، تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 6- ئايدا گۇاڭجۇدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بىر ئوغلى بىر قىزى ۋە ئايالى ھازىر تۈركىيەدە ياشىماقتىكەن.

مۇھەممەت ئىسمائىل، بۇرھان سېتىنىڭ ئۆگەي ئاكىسى بولۇپ، ئۇ 2018- يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

گۈلسۈماي، مۇھەممەت ئىسمائىلنىڭ ئايالى، ئۇ 2018- يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

بۇرھان سېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئۇ دادىسىنىڭ ئىنىلىرىدىن ئەمەت ياقۇپ ۋە مەمەت ياقۇپلارنىڭ  تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلدىكى ساقچى دائىرىلىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بۇ 3 نەپەر تاغىسىنىڭ  2017- يىلى 7- ئايدىن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يۇرتى قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە يېزىسى ۋە باشقا جايلاردىن قۇمۇلغا چاقىرتىپ ئېلىپ كېلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ قۇمۇلدىكى لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى بىلگەن.

دوكتور بۇرھان سېتى يەنە دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى ئانا جەمەت تۇغقانلىرىدىن، ئانىسى زەينەپ ھەمدۇلنىڭ ئىنىسى ئابلىز ھەمدۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن نۇرەلى ئابلىز قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختالدى.

دوكتور بۇرھان سېتى يەنە ئۆز ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار تۈركىيە ئىستانبۇل ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول ئەپەندى بۇ يىل 3-ئاي مەزگىلىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىمىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتى قۇمۇلدىكى دادىسى سېتى ياقۇپ، ئانىسى زەينەپ ھەمدۇلغا مەجبۇرى تېلېفون قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.  بۇرھان ئەپەندى كېيىن يەنە  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىنى  ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن يۇرتى قۇمۇلدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ، قۇمۇلدىكى ئاتا-ئانىسىنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا سولىغانلىقى ۋە ئۆزى بۇ ئەھۋاللارنىمۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قۇمۇلدىكى  ساقچى دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسىنى قويۇپ بېرىپ ئۆيىگە قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت