بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: «تۈركىيەنىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى توختىتىشتا كونكىرېت سىياسىتى بولۇشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.11.25
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: «تۈركىيەنىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى توختىتىشتا كونكىرېت سىياسىتى بولۇشى كېرەك» بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى كېسەر ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەرمەكتە. 2021-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى كېسەر ئەپەندى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەرھال شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىشى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت سىياسىتى بولۇشى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلى كېسەر ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق ئەيىبلاپلا قويۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت تەدبىر ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت تەدبىر ئېلىپ باقمىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلىتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمىنى توختىتىش جەھەتتە ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.»

ئەلى كېسەر ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بەزى مىللەتچى شەخس ۋە سىياسىي پارتىيەلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە دۆلىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلىتىدىكى تۈركىي مىللەتلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر سىياسىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك 1938-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ رەسمىي تۈردە تۈركىستان سىياسىتى بولمىغان ئىكەن. بەزى مىللەتچى پارتىيەلەر تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت سىياسىتىگە ئايلانمىغان ئىكەن. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ تۈركىي مىللەتلەر سىياسىتى يوق ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈرك دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تارىخىي مەسئۇلىيىتى بار. تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كەسەر ئەپەندى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئىشخانا قۇرۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مەسئۇل ئىشخانىسى بولۇشى ۋە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر تۈركىيە پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇشى كېرەك. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 1993-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاۋاتىمىز، بۇندىن كېيىنمۇ قوللاشقا داۋام قىلىمىز.»

بۇ ھەقتە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى پارلامېنتتا بەرگەن باياناتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇ توغرىلىق بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

ئەلى كېسەر ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تۈركىيەدە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زامانىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، سايلامدىن بۇرۇن بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بوئىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى 1954-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈزۈك بىر سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئەگەر خالىسا بۇنداق بىر سىياسەتنى بەلگىلەپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.