بىشكەكتە ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان جۇمھۇرىيەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.05.15
qirghizistan-chelishish.jpg ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان جۇمھۇرىيەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 12-ماي، بىشكەك.
RFA/Féruze

12-ماي كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان جۇمھۇرىيەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر جەڭچىلەردىن سۈلھى لۇتپۇللايېف، داداش باباجانۇف ۋە مەسىم ياقۇپوف قاتارلىقلارنىڭ نامىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مۇسابىقە قىرغىزىستان «سامبو» فېدېراتسىيەسى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

بۇ قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قىرغىزىستاننىڭ چۇ، ئوش، جالال-ئاباد، نارىن ۋە ئىسسىقكۆل ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن 130 دىن ئارتۇق چېلىشچى قاتناشتى. مۇسابىقە داۋامىدا 60 كىلوگرامدىن 80 كىلوگرامغىچە ئېغىرلىقتىكى چېلىشچىلار نەق مەيداندا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشتى.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشەببۇسچىسى، سامبو فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى نۇرلان توكونويېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەن» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نوۋوسىركس شەھىرىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خەمىت توختىيېفنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغاچقا، قىرغىزىستاندىمۇ «سامبو»، يەنى چېلىشىش بويىچە مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىنىڭ جاسارىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ نامىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن تۆتىنچى قېتىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرلان توكونويېف يەنە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تولىمۇ سۈپەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، كېلەچەكتە ئۇيغۇر قەھرىمانلارغا ئاتالغان بۇ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى خەلقئارالىق دەرىجىدە ئۆتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە سامبو فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى نۇرلان توكونويېفتىن باشقا يەنە قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەنسىيونېرى مالىك باتالوف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروف، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرلىرىدىن نۇرمەمەت ئابدۇراخمانوف، تۇپىك ئاندرېي، بېكتېنازار قىلىچېف قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىڭەن پېنسىيونېرى مالىك باتالوف بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر قەھرىمانلارنىڭ يادلانغانلىقىنى ۋە ھازىرقى ياشلارغا بىر مەيدان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بۇ پائالىيەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن جەڭچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق بۈگۈن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە بىرلىكنى ساقلاش رولىنى ئوينىماقتا.

سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرلىرىدىن تۇپىك ئاندرېي ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئەگەردە بەزى بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالماي قالغان تەقدىردىمۇ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «سامبو فېدېراتسىيەسى» ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جەڭچىلەرنىڭ نامىغا بېغىشلانغان بۇ تۈردىكى مۇسابىقىلەرنى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.