دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلەشمەكچى

تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا تىبەتنىڭ سىياسىي كەلگۈسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يېپىق سۆھبەت باشلىماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.30

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت دالاي لامانىڭ تەلىپى بويىچە پىلانلىغان بولۇپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خادىمى ئىككى نەپەر تىبەت ۋەكىلىنىڭ بېيجىڭدا بىر ھەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دالاي لامانىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى دالاي لاما ئىككى تەرەپ دىئالوگىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. 2002 ‏ - يىلىدىن بۇيان دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 7 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشمەي كەلمەكتە.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت 8 - قېتىملىق سۆھبەت ھېسابلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، جۇڭگو ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.