ماسسىمو: شى جىنپىڭنىڭ «دانا تۈرمىسى» گە خۇش كەلدىڭىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.07.19
lager-derwazisi.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
BITTER WINTER

خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ «تۈرمە خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ئانالىز» ناملىق مەخپىي ھۆججىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان.

ئىتالىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ماسسىمو ئىنتروۋىگنە 19-ئىيۇل كۈنى «شى جىنپىڭنىڭ دەنا تۈرمىسى» گە خۇش كەلدىڭىز-بىر مەخپىي ھۆججەتتە ئاشكارىلانغانلار» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدا، بۇ يىل ئاپرېلدا «زىمىستان» تورىنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر مەخپىي ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، ھۆججەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېلان قىلمىغانلىقى، ئەمما بۇ ھۆججەتتە نۇقتىلىق ھالدا تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى خاراكتېر جەھەتتىن شى جىنپىڭ ئۈمىد قىلغاندەك ئۆزگەرتىپ چىقىش ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ماقالىدا، «شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان تۈرمە قانداق بولۇشى كېرەك؟» دېگەن سوئالغا مەخپىي ھۆججەتتىن نەقىللەر ئېلىپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەخپىي ھۆججەتتە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خىتايدىكى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن تۈرمە باشقۇرۇش ئۇسۇلى كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زور ھەسسىلەر قاتقان بولسىمۇ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى تەلىپىگە ماسلىشالماي قالغان. تۈرمە خىزمەتلىرى چوقۇم رادىكاللىققا، تېررورىزمغا قارشى خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۈرلۈك زوراۋان كۈچلەر ۋە سۇيىقەستچى گۇرۇھلارنى تازىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىسلاھ قىلىپ بولۇشى، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە قارشى ئېقىملار تۈپتىن يوقىتىلىشى لازىم. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا باشتىن-ئاخىرى كاپالەتلىك قىلىش، تۈرمە خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى ئىچىدىكى ھەممىدىن مۇھىمىدۇر. بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈرمە سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش لازىم.»

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈرمە باشقۇرغۇچى خادىملار شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە لايىق رەۋىشتە، كاللىسىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىدىيە ھەم ھېسسىيات جەھەتتىن شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرىنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنى ئاپتوماتىك ھالدا قىزغىن سۆيىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشى لازىم».

ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈرمە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى يەنە «ئۇلۇغ چوڭ ئائىلىنى، خەنزۇ مىللىتىنى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىنى مۇتلەق ئېتىراپ قىلدۇرۇش». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرمىلەردە سىياسىي ئىدەيىۋىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ «جىنايى ئۇنسۇرلاردا توغرا دۇنيا قارىشى، تۇرمۇشقا بولغان توغرا پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش، ئۇلاردا ساغلام خاراكتېر پەيدا قىلىش» ئىكەن.

ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «تۈرمە خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ئانالىز» ناملىق مەخپىي ھۆججەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «دەنا تۈرمە» قۇرۇلۇشىنى دەرھال باشلاشنى، بۇنى دۆلەتنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭ سانلىق ئامبىرى بولغان، تورلاشتۇرۇلغان، ئەقلىي كۈچ بىلەن زامانىۋى تېخنىكا بىر گەۋدىگە ئايلانغان تەلەپكە لايىق ‹دەنا تۈرمە› بولۇشى شەرت قىلىنغان».

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماقالە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىدا قىيناۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قەبىھ روھىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

نورۋېگىيەدىكى سابىق ئادۋوكات، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا قارىتا روھىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنى 2002-يىللىرىدىن ئېتىبارەن باشلىغان ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، تۈرمىلەردە مەھبۇسلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلەنگەن پسىخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ خىل پسىخىكىلىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.