خىتاي ھۆكۈمىتى بىر دارىلتامنى تاقىدى

رويتىرس ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ ئەيدىز پائالىيەتچىسى لى دەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خېنەن شاڭچۇۋ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى 7 - ئىيول كۈنى ئۇ يېڭىلا ئاچقان يىتىملار مەكتىپىگە كىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا 15 مىنوت ئىچىدە مەكتەپتىنى ئايرىلىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان ھەمدە بۇ مەكتەپنى تاقىۋەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۈر دارىلتامدا 22 نەپەر يىتىم بالا بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قان سېتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىنى يوقتۇرۇپ ئۆلگەنلەر ئىكەن. لى دەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر دارىلتامنى تاقاش سەۋەبى ئۈستىدە توختۇلۇپ، بەلكىم ئۆزىنىڭ باڭكوكدا ئىچىلغان خەلقارا ئەيدىز كېسىلى يىغىنىغا بارماقچى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىنلىگىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋىنجىياباۋ تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم بارلىق ۋاستىلار بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە.