دۆربىلجىندىكى جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ لاگېردىكى مەزگىلىدە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.29
Dawut-Ablet.jpg ئابدۇلئەھەد داۋۇت ئەپەندىنىڭ دادىسى داۋۇت ئابلەت ئەپەندى.
RFA/Shöhret Hoshur

ئاۋسترالىيەدىكى ABC ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ دۆربىلجىندىكى بىر تۈركۈم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا 69 ياشلىق دادىسى داۋۇت ئابلەتنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

يېقىندا پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئۆتكەن يىلى 4‏-ئايدا بىر قېتىم لاگېردىن دۆربىلجىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىسىغا داۋالاشقا ئېلىپ چىقىلغان ئىكەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى شۇ كۈنلەردە مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئاغرىق يوقلىغان بىر دوستى ئارقىلىق ئۇققان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن دۆربىلجىنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئابدۇلئەھەدنىڭ دادىسى، يەنى دۆربىلجىندە تونۇلغان جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى تۈرمە خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. 

مەلۇم بولۇشىچە، دۆربىلجىن بازارلىق ھۆكۈمەت شەھەر قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى داۋۇت ئابلەت ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى، پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 69 ياشلارغا كىرگەن داۋۇت ئابلەت دۆربىلجىندە جامائەتچىلىك ئىشلىرىدىكى ئاكتىپلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان. داۋۇت ئابلەت 2008‏-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلىنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ بارغان، ئەمما سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە ئاۋسترالىيەدىن بالدۇر ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. داۋۇت ئابلەتنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرى سەۋەبلىك ۋە ياكى چەتئەل زىيارىتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆربىلجىندىكى ئالاقىدار خادىملار داۋۇت ئابلەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. يەنە بىر خادىم دۆربىلجىندە كۆپ ساندا كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە داۋۇت ئابلەتنىڭمۇ قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن بىرلىكتە لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 

پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ دۆربىلجىندىكى مەلۇم بىر تونۇشى ئارقىلىق دادىسى داۋۇت ئابلەتنىڭ ئۆتكەن يىلى 4‏-ئايدا لاگېردىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئەكىلىنگەنلىكى ۋە شۇ دوختۇرخانىنىڭ 13‏-قەۋىتىدىكى بالنېست بۆلۈمىدە ياتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆربىلجىندىكى بىر ساقچى خادىمى داۋۇت ئابلەتنىڭ ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم دۆربىلجىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى. مەزكۇر خادىم داۋۇت ئابلەتنىڭ دوختۇرخانىغا تۈرمىدىن ئاپىرىلغانلىقى ۋە كېيىن يەنە تۈرمىگە ياندۇرۇپ ئەكىلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمە بىلەن لاگېرلارنىڭ ئارىسىدا ئاساسەن دېگۈدەك پەرق يوقلۇقى، ھەتتا بەزى جايلاردا لاگېر شارائىتىنىڭ تۈرمىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ لاگېر بىلەن تۈرمىگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغانلىقى مەلۇم. شۇڭا داۋۇت ئابلەتنىڭ نۆۋەتتە راستىنىلا تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس. 

دادىسىنىڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ تۇتقۇنغا باھانە قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇلئەھەد داۋۇت بۇ تۇتقۇنغا دادىسىنىڭ مىجەزىدىكى كەسكىنلىك، خىزمەت ۋە جامائەت ئىشلىرىدىكى ھەققانىيەتچىلىكىنىڭمۇ سەۋەب بولۇپ قالغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئابدۇلئەھەد سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ھاياتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى. ئابدۇلئەھەد 2002 ‏-يىلى ئاۋسترالىيەگە كەلگەن؛ بىرقانچە يىل مېلبورىن شەھىرىدە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولغان؛ 2009 ‏-يىلى ئادالاي شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشمىغان چاغلىرىدىمۇ دۆربىلجىندىكى ئائىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن خالىي بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇلئەھەد داۋۇت، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پ ‏-يىلى كەلگەنلىكى، بىر مەھەل تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولغانلىقى، 2009 ‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.