خوتەندىكى ساقچىخانىلار ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.10
abduletip-damolla خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كەڭەش ۋە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ناۋاغ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم داموللىنىڭ يېقىنقى سۈرىتى (مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تورى)
Shinjang uyghur aptonom rayonluq siyasiy kéngesh toridin élin’ghan

ئالدىنقى ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، خوتەن ناۋاغ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنىپ، 3 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا خوتەندىكى ساقچىخانىلار بىلەن قانۇن ئورگانلىرى ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنىپ 3 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئەڭ دەستلەپ «ھويلام» تورى بىلەن «ئۇيغۇر نىداسى» تور رادىيوسى ئارقىلىق ئالدىنقى ئايدا مەلۇم بولغان ئىدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

بىز بۇ خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن خوتەندىكى ھەرقايسىي ساقچىخانىلار، ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق شورباغ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر رەسمىي ساقچىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «شۇنداق، ئۇ ناۋاغ مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئىدى، بىراق بۇ سوئالىڭىزغا تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيمەن. بۇ ساقچىخانىنىڭ ئىچكىي مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان ئىش. بۇنى كىم سورىسا شۇنىڭغا دېگىلى بولمايدۇ. خاپا بولماڭ!»

خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق گۇجانباغ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ «بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. بۇنى خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن سوراڭ!» دەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.

بىز ئارقىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، تېلېفوندا بۇ توغرىلىق گەپلەشسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللا ئىلگىرى گۇجانباغ جامەسىنىڭمۇ خاتىپى بولغان ئىكەن. شۇڭا بىز خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق گۇجەنباغ ساقچىخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي نۆۋەتچى ساقچى  سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي تەپتىش خادىمى تېلېفوننىڭ مۇخبىردىن كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن قېشىدىكى باشلىقىغا «مۇخبىر ئىكەن، ھېلىقى ئابدۇللەتىپ داموللامنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئۆزىڭىز بىرنەرسە دەڭ» دەپ تېلېفوننى خىتاي باشلىقىغا بەردى. خىتاي تەپتىش ئەمەلدارى: «بۇنى بىزدىن سورىما، بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشى، بىز بىلمەيمىز!» دەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.

بىز ئاخىرىدا خوتەننىڭ ناۋاغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى ساقچى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا: « بۇنى سىزگە دەپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بەك بىلمەكچى بولسىڭىز، ساقچىخانىمىزغا كېلىڭ. تېلېفوندا بۇ توغرىلىق گەپ قىلساق بولمايدۇ. بىز ئادەتتە بىر دېلونى ئىشلىسەك، ئۇنى بېجىرىپ تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزىمىز. دېلونى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ دېلو بىلەن ساقچىخانىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ.  بىز بۇ ئىشنى تۈگىتىپ، تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بولدۇق، شۇڭا بۇ توغرىلىق بىزدىن سورىماڭ»دەپ جاۋاب بەردى.

بىز ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشىنى، ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىچكىرىلەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللا 1946-يىلى 11-ئايدا خوتەندە تۇغۇلغان. ئەينى يىللىرى قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئېلىپ، دىنىي بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

1987-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن گۇجانباغ جامەسىدە خاتىپ بولغان. 1991-يىلىدىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە مۇئاۋىن رەئىس، رەئىس ۋە خوتەندىكى بىرقانچە داڭلىق جامەلەرگە خاتىپ بولغان.

2000-يىلىدىن تاكى 2017-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ئىكەن.

ئۇنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»، يەكەن قىرغىنچىلىقى ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى دولقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، تېلېۋىزىيە، رادىيو ۋە باشقا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى ھېلىھەم توردا تارقىلىپ يۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.