ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.24
lager-atush-lazimetlik-uchun-kelgenler.jpg لاگېردىكى تۇغقانلىرىغا نەرسە-كېرەك ئەكېلىپ بېرىۋاتقانلار تىزىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەكتە. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ، جامائەتلەرنىڭ، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى بىر باياناتقا بۇنچىلىك كۆپ ساندا ئىمزا قويۇشىدۇر. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر باياناتقا ئامېرىكىدىكى ئاز دېگەندە 81 دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى، جامائىتى، ئاتاقلىق دىنىي رەھبەرلەر ۋە نوپۇزلۇق زىيالىيلار ئىمزا قويغان. ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا دوكتور ياسىر قادىدەك تونۇلغان مۇسۇلمان ئالىملار، شەيخ ئابدۇلمونېئىمدەك نوپۇزلۇق دىنىي زاتلار، ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدەك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەسىرى زور ئىسلامى تەشكىلاتلار بار ئىكەن.

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى، بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇلۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە مۇسۇلمانلارغا قوشنا مەھەللىلەردىكى باشقا دىنىي ئېتىقادقا مەنسۇپ مۇخلىسلارنى بۇ تەلەپكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان. «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» بۇ باياناتقا ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى زەينەت چاۋدرىي خانىم 24‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ھازىر يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادنى ئىپادىلەشنى بوغۇش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن جەمئىيەت يېقىندا خەۋەر تېپىشقا باشلىدى. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇشقا، دىنى ئېتىقادنى ئەسلىگە ئەكەلدۈرۈشكە چاقىرىمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرگە سىياسىي، قانۇن تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كەسىپ ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. لېكىن زەينەپ چاۋدرېينىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋتقان مەسىلە نوقۇل مۇسۇلمانلىق مەسىلىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ۋىجدانى بار ھەرقانداق ئىنسان ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زەينەپ چاۋدرىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئالاقىدار سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشەنچلىك دەلىللەر بار. بۇ دەلىللەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بۇ مەسىلە نوقۇل ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ۋىجدانى بار ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ھەقنى تەلەپ قىلىش، ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار بىر مەسىلە. چۈنكى بىز بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قاراپ، ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن ھادىسىلەرنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمىز.»

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر، دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا كارخانا قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى بىر لاگېردا ئىشلەپچىقىرىلغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلىگەن. بۇ شىركەت مەزكۇر خىتاي كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئوخاييو شتاتىدىكى مۇسۇلمان زىيالىيسى ئىسام زائىم يۇقىرىقى باياناتقا ئىمزا قويغان مۇسۇلمان زاتلارنىڭ بىرى. ئىسام زائىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ئوخاييو شۆبىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ 24-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئالاقىدار خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش خىتاينى مەجبۇرلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئىسام زائىم مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بۇ چارىلەرنىڭ بىر تۈرى. لېكىن بىردىن-بىر چارە ئەمەس. ئەمما بىز قىلالايدىغان ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى. ئەپسۇسكى، بەزىدە بىز بىر مەھسۇلاتنىڭ زادى قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلمەيمىز. سىز خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئاسان قىياس قىلالايسىز. لېكىن خىتاينىڭ قەيىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايسىز. بۇنىڭدا ناھايىتى سەگەك بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مەھسۇلاتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگەچكە بۇ لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنى بايقۇت قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ خورلاشنى توختىتىش ھەممىمىزنىڭ، يەنى ئىنسانپەرۋەرلىككە، دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر مۇسۇلمان تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا پۇقرالار ھوقۇقى، ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا غەيرىي مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى جامائەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم شەكىللەندۈرسەك بولىدۇ. ئامېرىكا خەلقى پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەگەر بىز بىزنىڭ جامائىتىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىزنىڭ سايلانغان ۋەكىللىرىمىزگە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارىتا ئۆزىمىزنىڭ ئەندىشىمىزنى بىلدۈرسەك، بىز بەزى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلىشىمىز، ئۇلار پەقەت تەنقىد بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالىشى، ئۇلارنى قىلمىشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىتىشى مۇمكىن.»

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر ۋە مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئېلىشىغا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار يەنە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادتىكى جامائەتلەرنى 4‏-ئاينىڭ 6‏-كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇش زور نامايىغا قاتنىشىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.