خىتايدىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى: «قەشقەر ۋىلايىتىدە بالىلارنىڭ دىن ئۆگىنىشى تۈگىتىلدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.06.24
dini-checklesh-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ
RFA Photo

قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم ئىلگىرى خىتايدا ئاتالمىش «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» نىڭ بىرى،17 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۇنداقلا 2008 - يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتكەندە مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن كومپارتىيەگە سادىق شەخسلەردىن بىرى.

داۋۇت ھاشىم ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، بېيجىڭدا ئۇنىڭ ئۆيىدە مەخسۇس مېھمان بولغان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋېن جياباۋنىڭ يېقىن دوستى دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.

چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نۆۋەتتىكى چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ رامىزان ئېيىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، سابىق سېكرېتار داۋۇت ھاشىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.