گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى (2)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.02.23
cheqiwetilgen-meschit-jame.JPG شايار ناھىيەسىدە چېقىۋېتىلگەن مەسچىت. 2016-يىلى كۈز.
Oqurmen Teminligen

ھۇجۇمغا ئائىلىدە توپلىنىپ ناماز ئوقۇشنىڭ توسۇلۇشى تۈرتكە بولغان

بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن بىر كۈن ئاۋۋال، ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى يېڭى بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسىدىكى 8 كىشىنىڭ توپلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، گۇرۇپپا بۇ ئائىلىدىكىلەرنى قىلمىشى ئۈچۈن سوراق قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇلارنى بازارلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا بىرقانچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق قويۇپ بەرگەن. مەزكۇر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن ئۆمەر ئابدۇراخمان (25) بىلەن مەمتىمىن ئابدۇراخمان (21) ئەتىسى ساقچىخانىغا رەسمىي چاقىرتىلغان. ئۆمرىنىڭ تۈرمىدە خورايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئاكا-ئۇكىلار دوستى ئەخمەت ئەلى (21) بىلەن بىرلىكتە، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈشتىن ئاۋۋال گۇما بازىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن باشقا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇم ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان، قوزغىلىشقا خىتاي ساقچى ۋە كادىرلىرىنىڭ ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسىدە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان چاغدىكى زوراۋانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللارچە كېسىلىش ئېھتىمالى سەۋەب بولغان.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.