ئالتايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئاشخانىلاردا تاماق جەدۋىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى سەۋەب بولغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.26
Mori-nahiyisi-halal-belgisicheklesh.jpg مورى ناھىيەسىدە تارقىتىلغان «ھالال» لىق بەلگىلىرىنى مەنئى قىلىش ئۇقتۇرۇشى. 2017-يىلى نويابىر.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالتايدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقلىرىدا ھالال-ھارامنى سۈرۈشتە قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ئالتايدا بىر قىسىم مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا ئادەتتە كۈندىلىك تاماق تەركىبى بىلدۈرۈلىدىغان دوسكىلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن تاماقلىرىدا چوشقا گۆشى بار-يوقلۇقىنى بىلەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 400 دىن ئارتۇق قازاق ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا نامايىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالتاي شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇرچىن ناھىيەلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلاردىن 20 نەچچە نەپىرىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قولتۇق بازىرىغا تەۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئادەتتە ئالتايدىكى قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا ھەر كۈنى دوسكىدا تاماق تەركىبى جەدۋىلى چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بىر قىسىم مەكتەپلەردە بۇ خىل جەدۋەل ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئەھۋال ئالاقىدار مەكتەپلەردىكى قازاق-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ-كۆلەملىكى نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالتاي ناھىيەسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. مەكتەپنىڭ بىر قازاق خادىمى ئادەتتە مەكتەپلەردە تاماق تەركىبى جەدۋىلىنىڭ دوسكىغا چىقىرىلىدىغانلىقى، مۇشۇنىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنىڭ تاماق تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئالتايدا بىر قىسىم مەكتەپلەردە بۇ خىل تاماق دوسكىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ خادىم بۇ ئەھۋالنى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىقى ساقچى ئىدارىسىنىڭ دولقۇن ئىسىملىك بىر قازاق باشلىقى بۇ ئەھۋاللاردىن، ھەتتا قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار بۇ جەدۋەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايسى خىل تاماقتا چوشقا گۆشى بارلىقىنى بىلەلمىگەن. نەتىجىدە زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىدا ئۆزلىرى تاماق ئېتىپ يېيىشكە ياكى سىرتتىن تاماق يېيىشكە مەجبۇر بولغان. ياتاقتا تاماق يېيىش ئۇلارنىڭ دەرسكە ۋاقتىدا قاتنىشىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ياتاق بىناسىنىڭ بىر قىسىم تۈزۈملىرىگىمۇ توغرا كەلمىگەن. نەتىجىدە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇلارنى ياتاقتا تاماق ئېتىشتىن چەكلىگەن. بۇ چەكلىمىلەر ئۇلارنى ۋاسىتىلىك ھالدا تاماقلىرىدا ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىققا ۋە چوشقا گۆشىنى يەۋېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل مەجبۇرلىنىشقا قارىتا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما ئىنكاستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ نارازىلىقىنى قانداق شەكلىدە ئىپادىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن.

قابا ناھىيە ساربۇلاق يېزىسىنىڭ بىر ساقچى خادىمى بىر تۈركۈم ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى قازاق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ناھىيەدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ ئۇقتۇرۇشتا كونكرېت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن بىر قىسىم مەكتەپلەردە تاماق تەركىبىي جەدۋىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا چوشقا يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىتا قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدۇق.

مەزكۇر خادىم ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، مەكتەپلەردە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە جەمئىيەتكە تارقالغان ئۇچۇرلار بارلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭمۇ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلاردا دېيىلگەندەك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىللىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ۋە چوشقا گۆشى يېيىش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ خادىم ساقچىخانا باشلىقىنىڭ تەلىماتى بويىچە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە، ھەتتا سۆزلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئالتايدا يۈزلىگەن قازاق ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە بىر ھەپتىچە دەرس توختىغانلىقى، مەكتەپ ۋە كوچا دوقمۇشلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قورشالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.