ئۇيغۇر قىزى: ئۇيغۇر ئېلىدە مەھسۇلاتنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا قارار قىلىش ئۆزىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.05.06
choshqa-konserwa-halal.jpg «ھالال يېمەكلىك» ماركىسى چاپلانغان چوشقا كونسېرۋاسى.
Social Media


«ئەيلى» تاتلىق تۈرۈم شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 49 دۇكىنى بار. ئۇنىڭ دۇكانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن قەشقەرگە ئوخشاش ئاھالىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بىر شەھەردە ئاز دېگەندە بىر دۇكىنى بارلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك مەزكۇر تورتخانا زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق دۇكانلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى «ھالال» دەپ سېتىش گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن ئىدى. لېكىن مەزكۇر شىركەتنىڭ چىڭخەي شىنىڭدىكى تورتخانىسىنىڭ «ھالال» دەپ بازارغا سالغان مەھسۇلاتلىرىدا چوشقا يېغىنىڭ بايقىلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دۇكانلىرىنىڭ مەھسۇلاتىغا سوئال پەيدا قىلدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، چىڭخەيدىكى ۋەقە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تورتخانىلىرىغا قانداق تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى سورىدۇق.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق «خۇاڭخې يولى» «ئەيلى» تورتخانىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىنىڭدا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى بۇ دۇكاننى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى «لاياقەتلىك» دەپ بېكىتكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ ئىشنى بىلىمەن. شىنىڭدىكى ئۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر بىزگە تەسىر قىلىشى چوقۇم. بىراق بىزنىڭ بۇ يەردىكى بارلىق دۇكانلىرىمىز مۇسۇلمانچە. ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى بىزنىڭ شىركەتنىڭ بارلىق خادىملىرى، يەنە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش دائىرىلىرى كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. دۇكىنىمىز ھەر تەرەپلىمە لاياقەتلىك، دەپ بېكىتىلدى. ئەگەر ئۇلار بىرەر مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان بولسا، بەلكى بىزنى چوقۇم تەرتىپكە سالاتتى. بىراق بىز مەھسۇلات ۋە باشقا جەھەتلەردە لاياقەتلىك، دەپ قارالدۇق.»

لېكىن دىنىي ئىشلار تارماقلىرىنىڭ «لاياقەتلىك» دېگەن بۇ خۇلاسىنى قانداق چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، مەھسۇلات خۇرۇچى شىركەتنىڭ زاۋۇتىدا تەييارلىنىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ خۇرۇچىغا چوشقا يېغى ۋە باشقا ھارام نەرسىلەرنىڭ ئارىلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغانلىقى يەنىلا بىر سوئال.

بىراق «خۇاڭخې يولى» «ئەيلى» تورتخانىسىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى، شىنىڭدىكى ۋەقە ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئۇ، «بۇ ئىش مۇنداق، بىزنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر بار. تۇڭگانلار، قازاقلار شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلار بولۇپ ھەممىسى بار. بۇ ئىش ئۇلارنىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ قىلغان 1 - ئىشى بىزنىڭ مەھسۇلات خۇرۇچلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقىش بولدى. بۇ ئىش ئۇلارنىمۇ ئەندىشىگە سالدى. لېكىن بىزمۇ ئەندىشە قىلدۇق. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ تىجارىتىمىزگە بېرىپ تاقىلىدۇ» دېدى.

بىراق ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىسلامى سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بەزى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنىڭدىكى ئەيلى مۇسۇلمان تورتىغا چوشقا يېغى ئارىلاشتۇرۇپ سېتىش ۋەقەسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلانغان بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تىپىك ئۆرنىكى، خالاس.

مەلۇم بىر ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەردىكى «ئەيلى» تورتخانىسىغا ئۇيغۇرلار ئانچە كىرمەيدىغانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە ھالال - ھارام مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئەندىشە قىلارلىق نۇقتىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ماۋۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئۇنىڭ يېنىدا ئاشۇ) تورتخانا( بارچۇ، بىز ئالدىدىن ھەر كۈنى ئۆتىمىز. ئۇ خەنزۇلارنىڭكى ئادەتتە. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىپ باققانلىقىنى كۆرمىدىم. بىزنىڭ ئۇ يەردە بىر بانكا بار، ئاندىن بىر چوڭ سودا سارىيى بار، ئۇ خەنزۇلار كۆپ كىرىدىغان سودا ساراي. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەك كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدىم. ئالدىدا مېۋە - چېۋە ساتىدىغان ئۇيغۇرلار بار، بىز بىر نەرسە ئالساق شۇلاردىن ئالىمىز. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى ئانچە كۆرمىدىم. ئۇ دۇكان كىچىكلا بىر تارمىقى. بىز ئۇ ۋەقەنى تورلاردىن تۈنۈگۈن كۆردۇق، ئۈندىدارغا ساپتىكەن ئۇنىڭ خەۋىرىنى. ھە - دىدۇق، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى تارمىقىنى تاقىمىدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھالال ئىستېمال بۇيۇملار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىن - بىر ئامال مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپ قالغان.

ئۇ مۇنداق دېدى، «ھازىر بىز بەك ئاڭلاپ كېتىپ بارىمىز، مەسىلەن، يالغان گۆشلەرنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن ماۋۇ يۈندا ماينىڭكى مۇسۇلمانچە ساماۋار، شورپىخانىلاردا، ئاندىن كېيىن ماۋۇ چاۋمىۋفېن، دەپ قويىدىكەن، مەنغۇ بەك يەپ كەتمەيمەن ھېلى گۈرۈچ - ئۇن لەڭمىنى، دەپ. ئاشۇنداقلارغا شۇلارنى قوشۇۋاتقانلىقى بايقالغان. بۇنداق ئەھۋاللار ھازىر بەك كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. خەقلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. قالغىنى ئەمدى بىز يېمىسەك ئۇلار بىزگە ساتمايتتى. بىز يېگەن بولغاچقا ئۇلار بىزگە ساتتى، شۇنداققۇ!»

«ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. لېكىن يەنە بىرى، ماۋۇ جياجياگەي چىقتىغۇ، نۇرغۇن ئادەم بالىلىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۆزلىرىمۇ ئىچكەن ئېجياۋگەينى. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ ھالال ئەمەسلىكى، ئېشەكنىڭ تېرىسىدە ياسايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىغۇ بۇلار. دەسلەپتە بۇ بەك پايدا قىلاتتى، ئۈنۈمى ياخشى ئىدى، بىراق ھازىر ئۈنۈمى ئازلاپ كەتتى، دېگەندىن كېيىن ئۇلار مۇنداق دېگەن: دەسلەپكىسىنى ئەركەك ئېشەكنىڭ) ھاڭگا( تېرىسىدە ياسىغانتۇق. لېكىن ئەركەك ئېشەكلەر تۈگەپ كېتىپ، ئېشەك يېتىشمەي چىشى) مىدە( ئېشەكنىڭ تېرىسىدە ياسىغاچقا ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتتى، دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم بەك ھەيران قالغان، بىز ئېشەكنىڭ تېرىسىدە ياسىغان نەرسىنى ئىچتۇقمۇ، دەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنى ئەرز قىلغان. لېكىن زاۋۇت ئوچۇق ئاشكارا ھالدا، بىز ئۈستىگە مۇسۇلمانچە، دەپ يازمىدۇق، سەن ئىچكەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، دېدى. بۇنداق مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئېغىر؟ بۇنىڭغا ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىپ، ئۇنداق - مۇنداق قىلمىغاندىكىن سودا ئەركىنلىكى. لېكىن نېمە ئىستېمال قىلىشنى ئۆزىمىز بىلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىزمۇ ئىش قىلىپ يەۋاتقان، ئىچىۋاتقان نەرسىلىرىمىزدىن ئەنسىرەپ تۇرىمىز.»

شىنىڭدا يۈز بەرگەن «ھالال تورت ۋەقەسى» بەزى مۇتەخەسسىسلەردە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ھالال - ھاراملىقىنى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە نىسبەتەن سوئال پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا فروت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى ما خەيييۈن، خىتايدا غەيرىي مۇسۇلمان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھالال - ھارامنى بېكىتىپ بېرىشىنى تەنقىدلەپ، «نىمىنىڭ ھالال، نىمىنىڭ ھاراملىقىنى مۇسۇلمان جامائىتى بېكىتىشى كېرەك» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ مۇخبىرىمىزغا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي مەسىلىگە سەزگۈرلۈك بىلەن قارىسا، ئۇ بۇ ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا سېلىپ جازالىشى كېرەك.

ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي - مىللىي مەسىلىلەرگە راست سەزگۈرلۈك بىلەن قارىسا، غەيرىي مۇسۇلمانچە دۇكانلارغا مۇسۇلمانچە گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن دىنىي، مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل ھەر قانداق ئەمەلدارنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇ پەيدا قىلغان زىددىيەت جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى، جۇڭگونىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، گۇۋاھنامە ساتقان ئەمەلدارلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ سېلىش بىلەن جازالىنىشقا تېگىشلىك ھېقىقى كىشىلەر.»

لېكىن پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھالال ئىستېمال بۇيۇملار بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىققا ئىككى خىل نۇقتىدىن قاراش كېرەك. بىرى، خىتاي مەدەنىيەت قارىشى. يەنە بىرى، بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇكەممەللەشمىگەنلىكىدۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى، «بۇ مەسىلىگە ئىككى قاتلام بويىچە قاراش لازىم. بىرى، جۇڭگونىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتى ئەسلىدىنلا نىسبەتەن تار مەھكىمىچى. ئۇنىڭ باشقا مىللەت، باشقا مەدەنىيەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ھۆرمىتى يېتەرلىك ئەمەس. خەنزۇ مەدەنىيىتىدە ئاساسەن ھېچقانداق يېمەك - ئىچمەك چەكلىمىسى يوق. چوشقا، ئىت، مۈشۈك ئىشقىلىپ، ئۇ يېمەيدىغان نەرسە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بازار ئىگىلىكى مۇكەممەل ئەمەس. بۇنىڭغا ئەمەلدارلارنىڭ چېرىكلىكى قوشۇۋېلىپ، جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە بۇرۇن نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەردى. مەسىلەن، يۇندى ماي بۇنىڭ بىر مىسالى. بۇ ئادەملەر ھەيران قالارلىق ئەھۋال. ھەر قانداق مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىر يېمەك - ئىچمەك چەكلىمىسى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوق. شۇڭا، ئۇنىڭ بازار ئىگىلىك سىستېمىسىدا تۇڭگان، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا يېمەك - ئىچمەك چەكلىمىسى بار مىللەتلەر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بازار ئامىلىدۇر.»

لېكىن پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھالال ئىستېمال بۇيۇملار بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئىككى ئامىل پەيدا قىلماقتىكەن. بىرى، خىتايلارنىڭ تار مەدەنىيەت قارىشى، يەنە بىرى، بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.