ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى: ئۇيغۇرلار ئىككى ھەرەمدىن بەھرى ئالالمايۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.06.20
yaponiye-hej-yoli-kitab.jpg 2015 يىلى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «ھەج يولى» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


18 - ئىيۇن پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 12 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزان ئېيى رەسمىي باشلاندى. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە مەككىگە جەم بولۇپ ئۈمرە ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى.

ھەج خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈمرە ھەج ۋە ھەجدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئۈمرە كىچىك ھەج بولۇپ، قوشۇمچە ھەج دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، بەلگىلىك ھەج كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە ئېھرام باغلاپ، مەككىدىكى بەيتۇللاھ ھەرەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە پائالىيەت بولۇپ، ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈمرە ھەج پائالىيىتىنى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىيارى ھالدا ھەج ۋە ئۈمرە ھەج قىلىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن شۇنداقلا بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قانىشىش ۋىزىسى ئەگەر ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىدا بايقالسا، بۇلارنىڭ چېگرىدىن چىقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە، پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي جەرىمانە قويۇلۇپ، مەلۇم مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا ئۇچراشتەك ئوخشىمىغان جازالار تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە خىتاي چېگرىسىدىن سالامەت چىقىۋېلىش ئۈچۈن ساياھەت، تىجارەت ۋە ئىشچىلىق ۋىزىلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدۇ.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەككىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ساياھەت، تىجارەت ۋە ئىشچىلىق ۋىزىلىرى بىلەن مەككىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى،گەرچە رامىزان ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىككى ھەرەمدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەر كۈنلۈكى ھەقسىز ئىفتارلىق داستىخانىلارنى سېلىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىمتىيازلاردىن بەھرى ئېلىشىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.