كورلادا 20 نەپەر مېيىت يۇيغۇچى ئايال تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.19
Turghunjan-alawudun-rfa.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى زىيارەت قىلدى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى 26-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

كورلا - ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق تەربىيەلەش» سىياسىي ھەرىكىتى كەڭ كۆلەملىك ۋە شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقان جايلاردىن بىرى. ئاشكارىلىنىشىچە، كورلانىڭ قارا يۇلغۇن يېزىسىدىن 20 نەپەر ئايال مېيىت يۇيغۇچى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن.

ئايال مېيىت يۇيغۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان 6 خىل كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرمى-ھايا ئېڭىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئۆتكەن يىلى ئاتۇش ئىشتاچىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئاتۇشتا 6 خىل كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ ئايال مېيىت يۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بىز ئايال مېيىت يۇيغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى نېمە ئۈچۈن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغانلىقى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەسلى رولى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ، ئايال مېيىت يۇيغۇچى ئۈچۈن ئالاھىدە دىنىي مەلۇمات تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي مەلۇماتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، ئۆرپ-ئادەت قائىدىلىرىگە پۇختا بولۇشى، بولۇپمۇ تازىلىققا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر خاراكتېر ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئايال مېيىت يۇيغۇچىلارغا «دىنىي رادىكاللىق» قا باغلاپ قاراش ۋە ئەنسىرەشنىڭ پۈتۈنلەي مەنتىقسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شەرمى-ھايا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەخلاق سىستېمىسىدا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇن ئىگىلەيدىكەن. بۇنى بەزىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خىتايدىن ئەخلاقىي جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ئۆلچەم دەپ بىلىدىكەن. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان ھەرقانداق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خەتەرلىك دەپ سانىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سۇسلاشتۇرۇلۇش ياكى يوقىتىلىش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.