بىر ئائىلىنىڭ بۈگۈنى: دادا ئۈرۈمچىدە سولاقتا، ئاكا دۇبەيدە غايىب، ئۇكا ئىستانبۇلدا مۇساپىر

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.14
osman-osmanjan-omer-dubey-ghayib.jpg دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 17 ياشلىق ئوسمانجان ئۆمەرنىڭ پاسپورتىنىڭ بىرىنچى بېتى. 2017-يىلى ئۆكتەبىر.
Osmanjanning dostliri teminligen

خىتاينىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قول سوزۇشى، ئۇ يەردە ئەمدىلا ئوقۇشنى باشلىغان 17 ياشلىق ئوسمانجان ئۆمەر بىلەن 14 ياشلىق ھەزرىتىئېلى ئۆمەر ئاكا-ئۇكىلارنىمۇ مىسىردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان.

ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچەلمىگەن ئاكا-ئۇكىلار بۇ يىل 5-ئايدا دۇبەيگە قايتىپ كېلىپ، دۇبەيدىن ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىگەن. ئەمما ئۇلار شېرىكلىشىپ ئۆي كىرالىغان كىشى خىتاي خەلقئاراغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئىزدەۋاتقان بىر گۇماندار بولۇپ قالغاچقا، 17 ياشلىق ئوسمانجان ئۆمەر ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. دۇبەيدە يالغۇز قالغان 14 ياشلىق ھەزرىتىئېلى ئۆمەر ئىستانبۇلدىكى خەير-ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا مەكتۇپ ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن مىسىرغا كەلگەن 17 ياشلىق ئوسمانجان ئۆمەر ۋە 14 ياشلىق ھەزرىتىئېلى ئۆمەر ئاكا-ئۇكىلار، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئەمدىلا ئوقۇشنى باشلاپ تۇرۇشىغا، خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش بۇيرۇقى تارقالغان. بۇ بۇيرۇق مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن زوراۋان بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئاكا-ئۇكىلار دۇبەيگە قاراپ يۆتكەلگەن.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، دادىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجەتنىڭ بىكارغا كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇرتى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارسا تۇتقۇن قىلىنىشتەك خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇبەيدىن، يەنى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىگەن.

بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەكتەپلەر، ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئىنگلىزچە ياكى ئەرەبچە تىل كۇرسىنى پۈتتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇلار دۇبەيدىكى بىر چەتئەللىكلەر تىل مەكتىپىگە تىزىملىتىپ، كۇرس باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلدە، ئوسمانجان ئۆمەر دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. قولىغا كويزا سېلىنىۋاتقان ئوسمانجان ئىنىسى ھەزرىتىئېلىگە ئامال قىلىپ، تۈركىيەگە كېتىشىنى تاپىلىغان. ھەزرىتىئېلى ئۆمەر تۈركىيەدىكى بىر تۈركۈم خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن.

مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، ئوسمانجان ئۆمەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان، خىتاي تەرىپىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ھۈسەيىن ئىمىنتوختى بىلەن بىرلىكتە ئۆي كىرالىشى سەۋەب بولغان. مەزكۇر مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، ئوسمانجان تۇتۇلۇشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال، ئۇ بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يەپ ئولتۇرسا، پۇقراچە كىيىنگەن بىر دۇبەي ساقچىسى ھۈسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ رەسىمىنى رېستوراندىكىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. 17 ياشلىق ئوسمانجان سوراقتىن جىددىيلەشكەنلىكى ئۈچۈن ھۈسەيىننى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈندىن بۇيان ھۈسەيىن ئىمىنتوختى بۇ ئاكا-ئۇكىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن بىللە تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەن. ھۈسەيىن ئىمىنتوختى تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئوسمانجان ئۆمەرمۇ تونۇشىدىغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك گۇمانلىق دەپ قارىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە ئىككىسىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە دېلوسىنىڭ باسقۇچى مەلۇم ئەمەس.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىتنىڭ مەكتۇپىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى مەھبۇس ھۈسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئايالى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن جەزملەشتى. ھۈسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ ئايالىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلار بىلەن ئىجارىگە ئۆي ئىزدەش داۋامىدا تونۇشقان ۋە شۇ جەھەتتىنلا ھەمكارلاشقان.

يەنە مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلار مىسىرغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن دادىسى ئۆمەرجان ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەكېتىلگەن.

بۇ پروگراممىمىزنى ئەنە شۇ ئاكا-ئۇكىلارغا ئوخشاش مىسىردىن ھەيدەلگەن ۋە بىر قاتار سەرسانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن ئابدۇللا قارىجانىڭ ھىجرەت تەسىراتىنى تەكرار بىر خاتىرىلىتىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: «ئەزھەردىن ھەيدىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كەچمىشتىن، بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا بېرىلىدىغان مەلۇماتنى ئالغاندەك، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندەك بولدۇم. مەنلا ئەمەس، مىسىردىن ھەيدەلگەن ھەممىمىز ۋەتەن، مىللەت، دۆلەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتۇق. ۋەتەندىكى چاغلىرىمىزدا قوشنىلاردىن پاسىل تالاشقاندەك، خىتاي بىلەن چېگرا تالاشقان بولساق، بۈگۈن بۇ كۈننى كۆرمەس ئىكەنمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.